欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

赛某某涉嫌危险驾驶罪案起诉书

2021-09-21 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 374 –نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار سە   XX، ئەر، ئۇيغۇر، XXXX-يىلى XX-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: X65292819XXXX2125، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە XXX بازار XXX كەنت 1-گۇرۇپ 188-نۇمۇر، دېھقان، ماسسا، ساۋاتسىز، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار سە   XXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 21:29 ئەتراپىدا جاۋاپكار سە   XX ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز ھالەتتە ئۆزىنىڭ  新NU83XXنومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى غورچۆل ساقچىخانىسى غەربىي رايون خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە شىمالدىن-جەنۇپ يۆنىلىشتە ھەيدەپ مېڭىپ، غوروچۆل ساقچىخانىسى غەربىي رايون خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ئالدىدىكى تۆت كۇچا ئېغىزىدا سولغا ئەگىلىۋاتقاندا، ئەسقەر قادىر غەرىپتىن-شەرىق يۆنىلىشىدە ھەيدەپ كېتىۋاتقان 新N999XX نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن قاتناش ساقچى ئەتىرتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ جاۋاپكار سە   XXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى (2020) 2323-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار سە   XXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 101.93 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقىنى  ئېنىقلىغان.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار سە XXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛ جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش : خانئايىم يۈسەن

2020-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى

  قۇشۇمچە:

1› 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام رازۋىتكا دىلوسى، ئۈچ دانە ئوپتىك دېسكا، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش قارارنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

2› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top