شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ئە چىقىش (2020) 454-نومۇرلۇق
جاۋابكار سxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، ئۇيغۇر، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گوروپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئوغىرىلىق جىنايىتى بىلەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كۇچار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. ئوغىرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سxxنىڭ ئوغىرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى شايار ج خ ئەيىپلەش چىقىش (2020) 31-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار سxx 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 لەر ئەتىراپىدا شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت تەۋەسىدىكى «رxx تۈرلۈك مالىلار ماگىزىنى» غا ئوغىرىلىققا كىرىش مەقسىتىدە xx كەنىت 3-گوروپ ئەزاسى ئەxx نىڭ ھويلىسىغا خوشنىسى ئاxxنىڭ ئۆيى ئارقىلىق، ئىككى ھويلىنى تۇسۇپ قويغان قەلەينى قايرىپ كىرىپ، رxxنىڭ «رxx تۈرلۈك مالىلار ماگىزىنى» نىڭ ھويلا ئىچى تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ قۇلۇپسىنى بۇزۇپ كىرىپ، دۇكان ئىچىدىكى كۆزىتىش ئاپىراتىنى ئۆزىنى سىنغا ئالالمايدىغان تەرەپكە توغىرلاپ قۇيۇپ، دۇكان ئىچىدىن 630.00 (ئالتە يۈز ئوتتۇز) يۈەن نەق پۇلىنى ئوغۇرلاپ، ھويلا ئارقىلىق قايتىپ چىقىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار سxxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ ئوغىرىلىق قىلغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار راسىت ۋە تۇلۇق. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار سxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە بۇيچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك، جاۋابكار سxx جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولدى، شوڭا جاۋابكار سxxغا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازسى، قۇشۇمچە 1000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەxx
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىر توپلام (97-بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار قاماقخانىدا قاماقتا.
3) جاۋابكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش خىتى» دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论