欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(乃某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                              ئو ت ئەيىبلەش ( 2020 )   -نومۇرلۇق

جاۋابكار ن XX، ئەر،ئۇيغۇر، 2000-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى:XXXXXXXX6529222000،شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە X بازىرى X ئاھالىلار كومتىتى X-نومۇردا  ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى ئاشپەز،ئوتتورا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ،2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،         جاۋابكار ن XXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى  بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.جاۋاپكاردېلونى تېزسوت قىلىش تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلىدۇ.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ن XX   2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،شۇكۈنى سائەت 05:20 ئەتراپىدا 新XXXXX  نومۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلنى  پىراۋىسىز ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە غەربىي چوڭ كوچا يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى بازارلىق ساقىچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ  تۇتۇلغان.

شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدلىيلىك باھالاش پىكىرنامىسدە، جاۋابكار ن XXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100mg127.33 دەپ يەكۈن چىقرىلغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:

جاۋابكار ن XXنىڭ مەست ھالەتتە يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. 

جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن،جاۋابكارن XXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
   ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                   تەپتىش :كېرەمجان ئۆمەر 
                                        پاتىگۈل ياسىن 

2020 –يىلى9-ئاينىڭ 5-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، 1نۇسخا تېز سوت قىلىش تەكلىبى، «جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى»  1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار ن XX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top