شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش2-بۆلۈم چىقىش (2020)737- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار نXX، ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652922XXXXXX2253، يۇرتى XXناھيىسى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى XXناھىيە XXئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆي، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) 1365-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:00 لاردا جاۋابكار نXX ئاقسۇ شەھەر XXناھىيە XX ئولتۇراق رايونى يېنىدىكى تاللا بازىرىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھەر XXئىستانىسىغا چىقىش ئۈچۈن شۇ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NXXX26 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر ماشىنا بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن، شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق نXXنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بايقاپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرتكەندە 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 198.68 مىللىگىرام (100ml\198.68mg) بۇلۇپ، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار نXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە(تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ) ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئېXX
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论