شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 512 -نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار :ئو**، ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى :65212219******2712، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنىت 3- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ -2019 يىلى -11ئاينىڭ -14 كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 6-ئاينىڭ -24 كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئو**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۇنى سائەت 03 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار ئو** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە پىراۋىسىز ھالدا 新G**0 نومۇرلۇق «**» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە سىمونىت زاۋۇتى ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ “ خىڭجىڭ” ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)469- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : ئو**دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 209.5 دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئو**ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئو** دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى -1 تارماق -2 تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار ئو** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئو**غا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇپ جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار ئو**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ئو** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论