شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش 1-بۆلۈم (2020) 250-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار خۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 44 ياش، كىملىك نۇمۇرى : xxxxxxxx6529291976، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: xx ناھىيسى، ئاقسۇ شەھەر xxئولتۇراق رايونى xx- بىنا xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى (2020) 635-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار خۇxx 2020- يىل 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 لار ئەتىراپىدا ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx كەنىتتە بىر ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەپ ھاراق ئىچكەن. سائەت 17:00 لەر ئەتىراپىدا جاۋابكار خۇxx ھاجەتخانا ئىزدەپ چىقىپ 400 مىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى جاڭ xx شۇ تەرىپىدىن يول بويىدا توختۇتۇپ قۇيۇلغان بىر xx رەڭلىك، xx ماركىلىق، ئىككى چاقلىق 2254 يۈەن قىممىتىدىكى توكسىكىلىتنى زىيانلانغۇچى جاڭ xx شۇ ئۈجمە تىرىپ يەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇرلاپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار خۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق. جاۋابكار خۇxxنىڭ قىلمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار خۇxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىزاھات:
1.جاۋابكار خۇxx ئائىلىسىدە كىپىلدە ، ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمىرى : xxxxxx13565
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论