ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 234–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار مەمەت ئىمىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:********6531231985، ساۋاتسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى**-كوچىسى **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نۇمۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى **يولى **-كوچا **-نۇمۇر يالغۇز بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 3يىل 6ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قىتم ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مەمەت ئىمىننىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1) 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋابكار مەمەت ئىمىن، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى ** مەكتىپى تەرەپتىكى ** ئولتۇراق رايۇنى يېنىدا يول بويىغا توختىتىپ قويغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نى**نىڭ مال توشۇيدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى ئاق رەڭلىك بولكىۋاي ماشىنىنىڭ ئىچىدىن قول تورمۇزيېنىغا قويۇپ قويغان2000يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك oppo ماركىلىق R17 تىپلىق يانفۇنىنى ئوغىرلاپ ئېلىپ بېرىپ سېتپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2) 2020-يىلى5-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كىيىن16لەر ئەتراپىدا جاۋابكار مەمەت ئىمىن، ** شەھەر ** رايونى نەنمىن * * بانكىسى ئالدىدا لىفىت ساقلاۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاڭ **نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ بالا ھارۋىسىنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويغان860يۇەن قىممىتىدىكى بىردانە خۇاۋىي ماركىلىق چاڭشىياڭ9plus تىپلىق كۆك رەڭلىك،64G سىغىمدىكى تىلىفوننى ئوغىرلاپ ئۇندىدارىدىكى 200يۇەن پۇلغا لەنجۇ ماركىلىق تاماكا سېتىۋېلىپ تېلفۇن بىلەن قوشۇپ سىتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن
جاۋابكار ئىككى قېتىم ئوغىرلىق قىلغان بولۇپ ئومۇمىي قىممىتى 3060يۇەن بولۇپ زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.
جاۋابكارمەمەت ئىمىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى **شەھىرى **رايۇنى **يولى **-كوچا **-نۇمۇر يالغۇز بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيدىن تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى 4-ئەترەت تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مەمەت ئىمىننىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار مەمەت ئىمىننىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، ، تونۇتۇش خاتىرىسى، جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى:
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مەمەت ئىمىننىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار مەمەت ئىمىن ئىلگىرى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىنى تەدبىقلاش لازىم.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:سەمى سەمەت
2020–يىلى 12–ئاينىڭ 11–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى3 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论