欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某、阿某某盗窃一案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020)  224-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار مxx ،ئەر،9919-يىلى xx–ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:99xxxxxxxx65280119، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىسيسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھەر xx يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx–نۇمۇر. قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ كورلا شەھەر xxئولتۇراق رايۇنىxx-بىناxx -كۇرپۇس xx- نۇمۇر، مۇقىم كەسپى  يوق، ئىلگىرى جازالانغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر كورلا شەھەرلىك سولاقخانىدا قاماقلىق .                                    

جاۋاپكار ئاxx ، ئەر، 0120-يىلى xx– ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:01xxxxxxxx65280120،ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىسيسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھەر xx يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، مۇقىم كەسپى  يوق،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

كورلا شەھەرلىك  ج خ ئىدارسى جاۋاپكار  مxx، ئاxxلەرنىڭ ئوغرىلىق  جىنايىتى دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن،شۇ كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكارلار دىلونى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

1-قېتىم :2019 -يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 23:00 ئەتراپىدا، جاۋاپكار مxx ، ئاxxلەر بىرلىشىپ،ئوغرىلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، كورلا شەھەر نەشپۈتزار يولى xx سارىيىنىڭ xx-قەۋەت xx-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە توختىتىپ قويغان زىيانلانغۇچى گاۋ xxنىڭ بىر دانە قارا، قىزىل، ئاق ئارلاش رەڭلىك،UCC德曼特3.0 ماركىلىق، ئىككى چاقلىق ۋېلسىپىتنىڭ زەنجىر قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچ تىقىدىغان تۆشۈكىنى چاقماق بىلەن قىزدۇرۇپ، قۇلۇپنى بۇزۇپ ئاچقاندىن كېيىن، ۋېلسىپىتنى ئوغرىلاپ كەتكەن.دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، زال مال يېغىپ كېلىنمىگەن. كورلا شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھ كومتىتى مال باھاسىنى بېكىتىش مەركىزىگە ھاۋالە قىلىپ باھاسىنى باھالاتقۇزغاندا، قارا، قىزىل، ئاق ئارلاش رەڭلىك، UCC德曼特3.0 ماركىلىق، ئىككى چاقلىق ۋېلسىپىتنىڭ باھاسىنى  بېكىتىش مۇمكىن بولمىغان.                                                                                                                                                       

2-قېتىم: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 01:00 ئەتراپىدا، جاۋاپكار مxx ئۆزى يالغۇز xxيېزىسىغا كىلىپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەخسىتىدە ئەتراپنى ئايلىنىپ، كورلا شەھەر xx يېزا xx كەنتى xx-گۇرۇپ xx كەنت ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان زىيانلانغۇچى تxxنىڭ «xx تاللا دۇكىنى» نىڭ كەينى دېرىزىسىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان پەلەينى كىيىپ، شۇ يەردىن تىرىۋالغان ئىككى تال ياغاچ كالتەك بىلەن دۇكاننىڭ ئوغۇردىن ساقلىنىش رىشاتكىسىنى قايرىپ ئاچقاندىن كېيىن، دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ، يانفۇنىنىڭ ئىلىكتىرىنى يۇرۇتۇپ، دۇكاننىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ پۇل يىغىش ئۈستىلىنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ 2000يۈەن نەق پۇل، مال جازىسىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويغان 6 تو يۈشى ماركىلىق (ھەر بىر تو 10 قاپ قاچىلانغان، بىر قاپنىڭ بازار باھاسى 23 يۈەن) تاماكا، 2 تو قاتتىق قاپلىق فۇرۇڭۋاڭ ماركىلىق (ھەر بىر تو 10 قاپ قاچىلانغان، بىر قاپنىڭ بازار باھاسى 25 يۈەن)تاماكا، 5 قاپ زىيۈەن ماركىلىق تاماكا(ھەر بىر قېپىنىڭ باھاسى 11يۈەن)، 4 قاپ جىنشىيۇ ماركىلىق تاماكا( ھەر بىر قېپىنىڭ باھاسى 11يۈەن)، بىر دانە كۈمۈش رەڭلىك،OPPO ماركىلىق، v/8000mAh3.7 لىق يانفۇن زەرەتلىگۈچ، بىر دانە توخۇڭ رەڭلىك، 小米ماركىلىق، v/6000mAh3.7 لىق يانفۇن زەرەتلىگۈچ، بىر دانە يانفۇن تىرىگۈچ، بىر دانە كۈمۈش رەڭلىك«لىيەن شىياڭ»ماركىلىق خاتىرە كومپىيۇتىرنى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن، دۇكاننىڭ كۈزىتىش ئاپراتىنىڭ سىن كۈرىنىشنى يۇقىتىۋىتىش مەقسىتىدە، پۇل يىغىش ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدىكى كۈزىتىش ئاپراتىنىڭ ئىككى دانە ئاساسى ساقلىغۇچ ئاپراتىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ نەق مەيداندىن قېچىپ مېڭىپ، كورلا شەھەر xx يۇلى xx-ئولتۇراق رايۇنى بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ يول ياقىسىدىكى گۈللۈك ئارىسىغا ئوغۇرلىغان خاتىرە كومپىيۇتىر بىلەن ئوغۇرلىغان تاماكىلارنى يۇشۇرۇپ قۇيوپ،xx ئىگىز بىناسىنىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا ۋېلسىپىتنى توختۇتۇپ قۇيۇپ تاكسى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كورلا شەھەر xx يۇلى «xx قولايلىق مىھمانخانىسى»غا كېلىپ ياتاق ئېچىپ ئۇخلاپ قالغان، ئەتىسى ئەتىگەن ئوغۇرلىغان 400 يۈەن ئەتراپىدىكى تەڭگە پۇل، پارچە نەق پۇلنى مىھمانخانا يېنىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا كېرىپ بانكا كارتىسىغا ئۇردۇرغۇزۋالغان،جاۋاپكار مxx شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ،جاۋاپكار ئاxx بىلەن كۈرۈشۈپ ئۆزىنىڭ xxتەرەپتىكى دۇكانغا ئوغۇرلۇققا كىرىپ نەق پۇل، تەڭگە پۇل، تاماكا، كومپىيۇتىر، يانفۇن زەرەتلىگۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلىغانلىقىنى ئېيىتقان،ھەمدە جاۋاپكار مxx بىلەن ئاxxبىللە ئوغۇرلىغان پۇلغا ھاراق ئىچىپ تۈگەتكەن،2019-يىلى 10-ئاينىڭ12- كۈنى 23:00 ئەتراپىدا،جاۋاپكار مxx بىلەن ئاxx بىرلىكتە جاۋاپكار مxx تاماكا يۇشۇرۇپ قويغان كورلا شەھەر جەنۇبى كورلا يۇلى106-ئولتۇراق رايۇنى ئەتراپىغا كېلىپ ئوغۇرلىغان تاماكىنى ئېلىپ كورلا شەھەر كۈنگەي يۇلى شىن خۇيجيانىڭ ئۇدىلىدىكى«دەن تىياۋ دۇكىنى»غا كىرىپ 1450يۈەنگە سېتىۋەتكەن، تاماكا ساتقان پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ،بىر دانە خاتىرە كومپىيۇتىر، ئىككى دانە يانفۇن زەرەتلىگۈچ، يانفۇن تىرىگۈچ، جاۋاپكار مxxدىن تۇتۇپ قېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى. 

كورلا شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھ كومتىتى مال باھاسىنى بېكىتىش مەركىزىنىڭ [2019]219-نۇمۇرلۇق دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار باھالاش يەكۈنىدە 6تو يۇمشاق قاپلىق يۈشى ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 1208.4يۈەن، 2تو قاتتىق قاپلىق فۇرۇڭ ۋاڭ ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 436.72يۈەن، 5 قاپ زىيۈن ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 44يۈەن، 4قاپ خۇاڭ جىن يې ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 48.76يۈەن، 3قاپ جىڭ شيۇ ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 26.4يۈەن، بىر دانە كۈمۈش رەڭلىكOPPO ماركىلىق v/8000mAh3.7 يانفۇن زەرەتلىگۈچنىڭ باھاسىنى 30.00يۈەن، بىر دانە توخۇڭ رەڭلىك 小米ماركىلىق v/6000mAh3.7يانفۇن زەرەتلىگۈچنىڭ باھاسىنى 30.00 يۈەن، بىر دانە يانفۇن تىرىگۈچنىڭ باھاسىنى 6.00 يۈەن، بىر دانە كۈمۈش رەڭلىك«لىيەن شىياڭ»ماركىلىق خاتىرە كومپىيۇتىرنىڭ باھاسىنى 30.00 يۈەن، بىر دانە خەيكاڭ ماركىلىق، DS-780N-K1/C تىپلىق تېلكامىرا ئاساسى ئاپىراتىنى 252.00يۈەن دەپ باھالىغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن  بىر دانە  خاتىرە كومپيوتىر، ئىككى تال يىلفۇن زەرەتلىگۈچ، بىر دانە تىلفۇن تىرىگۈچ قاتارلىق نەرسىلەر يىغىپ كىلىنىپ، ئىگىسىگە  قايتۇرۇلغان. ئوغرىلىق ئومۇمى  قىممىتى: 3860.28 (ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش يۈەن ئىككى مو سەككىز پۇڭ )يۈەن .                                                                                             

3-قېتىم: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 00:30 ئەتراپىدا، جاۋاپكار مxx ،ئاxx xx-ئولتۇراق رايونغا بېرىپ توكسىكىلىت ئوغۇرلاپ، ئاندىن يېزا تەرەپكە بېرىپ دۇكان ئوغۇرلاپ كىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ،ئۇلار ۋەلىسپىتلىك xx- ئولتۇراق رايونغا كەلگەندە، جاۋاپكار ئاxx ئوغۇرلۇق قىلىشقا بارغىسى كەلمىگەنلىكى دەپ ياتاققا قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار مxx ئۆزى يالغۇز كورلا شەھەر xx-ئولتۇراق رايونغا  كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ كورلا شەھەر xx-ئولتۇراق رايون xx-بىنانىڭ شىمال تەرىپىگە توختىتىپ قويغان بىر دانە قارا رەڭلىك، بىڭلى ماركىلىق، 72 ۋولت/20 ئامپىر باتارىيەلىك، ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال يېغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرولغان.

كورلا شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومتىتى مال باھاسىنى بېكىتىش مەركىزى بىر دانە قارا رەڭلىك، بىڭلى ماركىلىق، 72 ۋولت/20 ئامپىر باتارىيەلىك، ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى 3640.00 يۈەن باھالاپ  بېكىتكەن. دېلونىڭ قىممىتى: 3640.00 (ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز قىرىق)يۈەن .                                                                                

4-قېتىم:2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 03:00 ئەتراپىدا، جاۋاپكار مxx xx-ئولتۇراق رايوندىن توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كېيىن،توكسىلىتنى مىنىپ،كورلا شەھەر ئاۋات يېزا قاراياغاچ كەنىت كونا كەنت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ قىيپاش ئۇدىلىدىكى زىيانلانغۇچى يۆ xxنىڭ «xx تاللا دۇكىنى»نىڭ ئارقا دەرىزىسگە كېلىپ ، شۇ يەردىن بىر دانە ياغاچ كالتەكنى ئېلىپ دەرىزنىڭ رىشاتكىسىنى قايرىپ سۇندۇرۇپ، دەرىزىدىن دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ، دۇكاننى ئاختۇرۇپ 3600 يۈەن نەق پۇل، 6 قاپ يۇمشاق قاپلىق جوڭخۇا ماركىلىق تاماكا، 19 قاپ قاتتىق قاپلىق جوڭخۇا ماركىلىق تاماكا، 20 قاپ لەنجۇ جىشىياڭ ماركىلىق تاماكا(16تال)، 20قاپ شۆلىيەن (3000) ماركىلىق ئىنچىكە تاماكا، 24قاپ يۇمشاق قاپلىق يۈشى ماركىلىق تاماكا، 10 قاپ قاتتىق قاپلىق يۈشى چۇشىن ماركىلىق تاماكا، 10 قاپ لەنجۇ ماركىلىق ئىنچىكە تاماكا، 30قاپ خاۋ ماۋ ماركىلىق تاماكا، 10 قاپ نەنجىڭ شۈەنخېمېن ماركىلىق تاماكا، 8 قاپ يۈن يەن يۈنلوڭ ماركىلىق تاماكا، 25 قاپ كۆك رەڭلىك، قاتتىق قاپلىق شۆلىيەن تاماكا، 28 قاپ زىيۈن ماركىلىق قاتتىق قاپلىق تاماكا، 5قاپ جېن لوڭ جىنشىيۇ ماركىلىق تاماكا قاتارلىق تاماكىلارنى ئوغۇرلاپ، شۇ دۇكاندىكى بىر دانە 10 كىلولۇق قۇرۇق ئۇن خالتىسىغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بايقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تېلكامىرا كۆزىتىش ئەسۋابىنىڭ ئاساسى ئاپىراتىنى سۆكۈپ، بىللە ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، جاۋاپكار مxxتوكسىكىلىتلىق شەھەر ئىچىگە قاراپ مېڭىپ، يېڭشەھەر يېزا خەنزۇ دۈيگە كەلگەن ۋاقىتتا توكسىكىلىتىنىڭ توكى تۈگەپ كېتىپ، ئوغۇرلاپ كەلگەن تاماكا ۋە تېلكامىرانىڭ ئاساسى ئاپىراتى قاتارلىق نەرسىلەرنى شۇ يولنىڭ بويىدىكى بىر كاۋاك تاختا دۆۋىسىگە يۇشۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، توكسىكىلىتنى يېڭشەھەر يېزىسى خەنزۇ دۈيدىكى بىر ئۈچ ئاچال يولنى بويىدا توختىتىپ قۇيۇپ، شۇ يەردىن تاكسى توسۇپ ئۆزى يېتىۋاتقان كورلا شەھەرxx يۇلىغا جايلاشقان «xx مىھمانخانىسى» بېرىپ، شېرىكى ئاxx بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كورلا شەھەر xx-ئولتۇراق رايۇنىدىن بىر دانە قارا رەڭلىك توكسېكىلىتنى ئوغۇرلاپ، ئاۋات يېزا تەرەپكە بېرىپ بىر دۇكاندىن نەق پۇلنى ۋە نۇرغۇنلىغان تاماكىلارنى ئوغۇرلىغانلىقىنى، تاماكىنى يېڭىشەھەر يېزا تەسكەن خەنزۇ گۇرپىسى تەرەپتىكى يول ياقىسىغا يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى، توكسېكىلىتنى يېڭىشەھەر يېزا تەسكەن خەنزۇ گۇرپىسى تەرەپكە توختۇتۇپ قويغانلىقىنى دەپ . جاۋاپكار مxx ئوغرىلاپ كەلگەن 3600 يۈئەن پۇلنى جاۋاپكار ئاxx بىلەن  ساناپ، ئارىشىپ، پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۈگەتكەن.

كورلا شەھەرلىك مال باھاسىنى بېكىتىش مەركىزىنىڭ [2019]219- نۇمۇرلۇق دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار باھاسىنى دەلىللەش يەكۈنىدە  6 قاپ يۇمشاق قاپلىق جوڭخۇا ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 349.80يۈەن، 19قاپ قاتتىق قاپلىق جوڭخۇا ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 725.04يۈەن، 20 قاپ لەنجۇ جىشىياڭ ماركىلىق تاماكا(16تال) نىڭ  باھاسىنى 339.20يۈەن، 20قاپ شۆلىيەن (3000) ماركىلىق ئىنچىكە تاماكىنىڭ باھاسىنى 316.00يۈەن،  24قاپ يۇمشاق قاپلىق يۈشى ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 483.36يۈەن، 10 قاپ قاتتىق قاپلىق يۈشى چۇشىن ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 175.00يۈەن، 10 قاپ لەنجۇ ماركىلىق ئىنچىكە تاماكىنىڭ باھاسىنى 158يۈەن، 30 قاپ خاۋ ماۋ ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 365.70يۈەن، 10 قاپ نەنجىڭ شۈەنخېمېن ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 143.10يۈەن، 8 قاپ يۈن يەن يۈنلوڭ ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 111.92يۈەن، 25 قاپ كۆك رەڭلىك، قاتتىق قاپلىق شۆلىيەن ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 238.50يۈەن، 28 قاپ زىيۈن ماركىلىق قاتتىق قاپلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 246.4يۈەن، 5قاپ جېن لوڭ جىنشىيۇ ماركىلىق تاماكىنىڭ باھاسىنى 44.00يۈەن، جەمئىي باھاسىنى 3969.02 (ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئاتمىش توققۇز يۈەن ئىككى پۇڭ) يۈەن باھالاپ بېكىتكەن.ئوغرىلىق ئومۇمى قىممىتى : 7569.02 يۈئەن.   

جاۋاپكارلارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،ئېنىقلاش - تەكشۇرۇش خاتىرىسى، باھا ئىسپاتى  ۋە جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مxx، ئاxxلەر ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مxx، ئاxxلەر قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسى قوللىنىپ، جاۋاپكار م xx4 قېتىمدا باشقىلارنىڭ 15062.30 يۈئەن قىممىتىدىكى مال- مۈلكىنى ئوغرىلىغان بۇلوپ، مىقتارى كۆپرەك. جاۋاپكار ئاxx باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 3 قېتىمدا باشقىلارنىڭ 11209.02 يۈئەن قىممىتىدىكى مال- مۈلكىنى ئوغرىلىغان بۇلوپ، مىقتارى كۆپرەك.قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،ئوغرىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدو. جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق بۇلوپ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.جاۋاپكار ئاxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بۇلوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقىدىكى بەلگۈلمە بويىچە يېنىك جازا بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن ، جاۋاپكار  مxx، ئاxxلەرنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۈكۈم قىلغايسىزلەر .

          ھۆرمەت بىلەن :

                      كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە        

تەپتىش :  يۈسۈپجان مەمەت            

ھەمراگۈل ياسىن             

                                     2020- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى

ئەسكەرتىش : (1) دېلو ئارخىۋى ئۈچ توپلام ، 15نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

          (2) جاۋاپكارلار  ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top