欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某交通肇事罪一案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم  ئەيىپلەش (2019) 576– نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش (**-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمۇرى: 0032** 652925 ، تۇقسۇ تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، ** ناھىيىسىدىن، نۇپۇس ئادرىسى ۋە ئۇلتۇرىقى: ** ناھىيە ** بازار ** رايۇنى **  رايۇن **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇر، 2003-يىلى بۇگۇر ناھيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلگەن. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ قېچىپ كىتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇش بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 

جاۋابكار م**نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 18-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارغا جىنايەتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار م** 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 8 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، 新NT6772 نۇمۇرلۇق تاكسى ماشىنىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، X338 -لىنىيە يۇلىدا شىمالدىن جەنۇپقا يۇلىنىش بۇيىچە يۇل يۇرۇپ، X338 -لىنىيە 1-كىلۇمىتىر 990+ مىتىلىق ئۇرۇنغا كەلگەندە، يۇلدا مەس ھالەتتە يېتىپ قالغان يۇسۇپ تۇقىنى بېسىپ ئۇتۇپ، م**  新NT6772 نۇمۇرلۇق تاكسى ماشىنىنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، يۇسۇپ تۇقا ئېغىر يارلىنىپ، دۇختۇرخانىدا 52 كۈن داۋالانغاندىن كىيىن ئۈلۇپ كەتكەن قاتناش ھادىسىسى يۇز بەرگەن. 

تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتى چىقارغان 652925120190000010-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىدە، م** تۇلۇق مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يۇسۇپ توقىنىڭ مەسئولىيەت جاۋاپكارلىقى يۇق دەپ مەسئولىيەت بېكىتكەن.

تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دۇختۇرىنىڭ (2019) 34-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۇرۇش دوكىلاتىدا: ئۆلگۇچى يۇسۇپ توقا ئۈلۇش ئالدىدا مەس ھالەتتە، سۇل تەرەپ باش قىسمى زۇر بىسسسىز سىرىتقى كۇچ (بېسىلىش تاشقى كۇچى)نىڭ تەسىرىدە باش ئېغىر زەخمىلىنىپ، مىڭىگە قان چۇشكەن ھەم سىرىتقى زەخمە خارەكتىرلىك ئۇسۇملۇك ئادەمگە ئايلىنىش داۋاملىشىپ ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆپكىسى ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىشتىن كوپ ئەزانىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئۇلگەن دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۈن سىن بۇيۇملىرى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ جىنايەتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز، جاۋابكار م**نىڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلىپ، باشقىلارنى زەخمىلەندۇرۇپ، ئۈلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، ھادىسىدە تۇلۇق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار م**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسى بۇيچە جىنايەت بىكىتىپ جاۋابكارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

مۇئاۋىن باش تەپتىش :   ئۆمەر ئەمەت

 تەپتىش :  مۇنىرە ئېلى

          2019-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنى

قۇشۇمچە : 1› جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى 13779430916

2› ئىككى توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى. 3› زىيانلانغۇچى ئائىلىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى بار. ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمىرى 15719000560

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top