欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

   كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

 

ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020)1100- نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار مە XX ،ئەر ،****-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528231996******** ئۇيغۇر،ئالى تېخنىكۇم مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.ئىشسىز،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ** ناھىيە ** يولى ** كوچىسى **-بىنا 302-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى **-ئولتۇراق رايۇن **-بىنا **-كورپۇس 302-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل1-ئاينىڭ 12-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،2020-يىلى 11-ئاينىڭ19-كۇنىجاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار مXX 2019-يىلى11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 00دىن 51مىنۇتلار ئۆتكەندە،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新****نۇمۇرلۇق  ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر** يولىدا شىمالدىن ـجەنۇپقا قاراپ مېڭىپ ،** ئالدى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا كەلگەندە ،شۇ يول ※بۆلىگىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

    شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورنىنىڭ (2019)****-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا : جاۋاپكار مXXنىڭ  ھەر  100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا  170.63 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان . 

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، باھالاشنامە، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

جاۋاپكارمXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتراپ قىلغان بۇلۇپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ››نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ››نىڭ176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار مXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                   كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                             تەپتىش :ئايگۈل كېرەم 

                             2020-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top