شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت ج ئى ئەيىبلەش (2020)29-نومۇرلۇق
جاۋاپكار مXX،ئەر،ئۇيغۇر،52ياش ****-يىلى*-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان،باشلانغۇچ مەلۇماتلىق،كىملىك نومۇرى:******652223،نوپۇس تۇرۇشلۇق جايXX: ناھىيەسى XX يېزىسى XX ئۆيلە كەنتى *-كوچا *-نومۇر.ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنىXX: ناھىيەسى XX يېزىسى XXكەنتى *-كوچا *-نومۇر.ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەتەرلىك ئەھۋالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش گۇمانى بىلەن ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ،2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھوقوقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،پۈتۈن دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىچە جىنايى پاكىتلىرى بارلىقىنى ئېنىقلىدى:
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 21:00لار ئەتراپىدا،جاۋاپكار مXX XX يېزا XX توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ ھاراق ئىچكەن،4-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 00:00دىن ئاشقان ۋاقىتلاردا جاۋاپكار مXX توي زالىدىن چىقىپ،XXتىكى كېپىنەك غول ئارامگاھىغا بېرىش ئۈچۈن مەس ھالەتتە ئاكىسىنىڭ نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوتسىكىلىتنى مىنىپ XX-XX يولى 3كىلومېتىر يېرىگە كەلگەندە قاتناش ھادىسىى يۈزبەرگەن،ئاندىن قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يولدا چارلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بايقاپ،نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن جاۋاپكار مXXنى XX ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىلو پاش بولغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ【2015】2069-نومۇرلۇق بېكىتىشنامىسىدا:«جاۋاپكار مXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قېنىنىڭ تەركىۋىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 171مىللىگىرام»دەپ يەكۈن چىقارغان.
يوقىرىقى پاكىتلارنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلادىن جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:
جاۋابكار مXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلىپ،ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-بەلگىلىمىسىدە بەلگىلەنگەن خەتەرلىك ئەھۋالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل–ئىسپاتلىرى تولۇق،پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.شۇڭا جاۋابكار مXXنىڭ »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلشىڭىزلارنى سورايمىز.
دەپ:
ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:ئايشەمگۈل پازىل
2020-يىلى6-ئاينىڭ 29-كۈنى
قوشۇمچە:
1جاۋابكار مXX ھازىر ئائىلىسىنىڭ كېپىللىكىدە ئالاقىلىشىش نومۇرى 152******:
2.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىرگە ئۆتكۈزىلدى.
3.ج خ ئىككى توپلام دېلو ماتېرىيالى بىرگە ئۆتكۈزىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论