شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش[2020]142 -نومۇرلۇق
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مەنامەلۇم، ئەر،19**-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى:65282619********** ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، نوپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ قارشەھەر ناھىيە ** بازىرى ** كەنىتى **-گۇرۇپپا**-قورو. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلكتە تۇرىۋاتىدۇ.
جاۋابكار مەنامەلۇم خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 11 -ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلشنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار مە نامەلۇم 2020-يىلى 10-ئاينىڭ07-كۈنى04 دىن15 مىنۇت ئەتراپىدا،قارشەھەر ** بازىرى ** ئالدى يول بۆلىكىدە، ھاراق ئىچىپ 1C تىپلىق پىراۋىسىنى ئىلى 新M-93**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭغاندا ،قارشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە جىنايەت جاۋابكار مەنامەلۇمنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 128مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بېكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارمەنامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مەنامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارماقچىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شۇاڭا جاۋابكار مەنامەلۇمنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن
2020 -يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
قوشۇمچە:
(1)جاۋابكار مەنامەلۇم ئائىلىسىدە كىپىلدە.
(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
(3)ئەيىپلەشنامە 8 نۇسخا
(4)جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论