焉耆县人民检察院
起 诉 书
焉检一部刑诉〔2020〕59号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش [2020] 59-نومۇرلۇق
جاۋابكار مەنامەلۇم، ئەر، 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۇنى شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيسىدە تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 6528261987XXXXXXXX، ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،دېھقان، قاراشەھەر ناھىيسى XX يېزىسى XXكەنتى 3-گۇرۇپپا 1-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، قاراشەھەر ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، قاراشەھەر ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.
جاۋابكار مەنامەلۇمنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا قانۇن بۇيىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقوقىنى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار مەنامەلۇم 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 23دىن 45مىنۇتلار ئۆتكەندە، ھاراق ئىچىپ 新MA3635نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ قارشەھەر ناھىيە ۋۇخاۋچۈ يېزىسى ئارىنچۈ كەنتى كومۇتىتى ئالدىدىن شۇ يېزىنىڭ تۇخاۋچۈ كەنتىگە قاراپ ماڭغاندا،ۋۇنامەلۇم ھەيدىگەن 新MTC000نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن سوقۇشۇپ،ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك ھادىسە سادىر قىلغان.شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزى، جاۋابكار مەنامەلۇمنىڭ 100مىللىتىر قان تەركىۋىدە 311مىللىگىرام ئىسپىرىت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات،باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ، بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار بىكىتىلگەن جىنايى پاكىت ۋە جىنايەت نامىغا قارىتا باشقىچە پىكرى بولمىدى.ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار مەنامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ،ھادىسە سادىر قىلغان قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارمىغىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك. خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى شۇڭا جاۋابكار مەنامەلۇمغا قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگەخەۋىپسىزلىك ئىدارىسى
تەپتىش:ياسىنجان ئىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش:ئىلھامجان ئابلىمىت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى
قوشۇمچە:(1) جاۋاپكار مەنامەلۇم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام (3) ئەيىبلەشنامە 8 پارچە، كىپىللىك خېتى بىر پارچە، تېز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى بىر پارچە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى 1 پارچە دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论