شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020) 280– نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، **ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى:2015 **652925 . ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، بېزەكچى، ماسسا، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ** ناھىيە ** يېزا ** شىمالى يولى **-نۇمۇر، ھازىرقى ئادىرىسى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانغان (2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى شاڭخەي شەھرى چىڭپو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئالتە ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان).
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار م**نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 132-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارغا جىنايەتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار ئېنىقلاندى:
1. جاۋاپكار م** 2020-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 21:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار يىكاڭ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى ئەسىر مەيخانىسىدا ن** بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئاق ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 01:10 ئۆتكەن ئەتىراپتا جاۋاپكار م** يىكاڭ خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتۇپ قويۇقلۇق ئا**نىڭ 新A3G848 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل رايۇنىغا بېرىش ئۈچۈن ماشىننى ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا ماشىنا توختىتۇش مەيدانىدىكى توك تۈۋرىكىگە سۇقۇلۇپ، ماشىنىدا ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان يىكاڭ خەلققە قولايىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى بايقاپ ھادىسە نەق مەيدانىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ھادىسىدىكى، 新A3G848 نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغۇچى جاۋاپكار م**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 1311-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە م**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 254 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان،
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652925202004257-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدە م** تولۇق مەسئۇليەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.
جاۋاپكار م** 新A3G848 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئىگىسى بىلەن ئىقتىسادىي زىيان تۆلىمى توغۇرلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان.
2. جاۋاپكار م** بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن مەزگىلدە يەنى 2020-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 00:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا يا** بىلەن توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا ئارمەھەللە كونا كەنىت كومتىتى ئالدىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئولتۇرۇپ 3 بۇتۇلكا پىۋە ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، 02:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا، يا** ئۈيىگە قايتىپ كەتكەن. جاۋاپكار م** ئۆزى ئىشلەۋاتقان توقسۇ ناھىيە پەيشەنبەبازار يېزا ئارمەھەللە كەنت ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ يان تەرپىدىكى ماشىنا رىمۇنىتخانىسىغا كېلىپ، باشقىلارنىڭ رىمۇنىت قىلىش ئۈچۈن ئەكىلىپ توختىتۇپ قويغان 新N6400M نۇمۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىسىز جەنۇبتىن شىمال يۆلىنىش بۇيىچە شەھەر تاشقى ئايلانما يۇلى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىن سولغا بۇرۇلۇپ شەرقتىن غەرب يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ، ناھيە يۇلى X338 لىنيىسىگە چىقىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېڭىپ توقسۇ ناھيە توقسۇ بازار كونا چارۋا-مال بازىرىنىڭ ئالدىدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ توقسۇ ناھيە توقسۇ بازار كۈنگەي ئىجتىمائى رايۇننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى قارا رەڭلىك 新N6400M نۇمۇرلۇق ماشىنىنى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار م**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىغى ئۈچۈن، نەق مەيداندا ئىسپات ئالغاندىن كىيىن، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 2747-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە م**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 130 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكار ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا پىكرىنىڭ يۇقلىقىنى، جىنايەتنى تۇنۇيدىغانلىقىنى، جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى.
مەھكىممىز، جاۋابكار م**نىڭ مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بۇيچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، 12000 يۇەن شىتراپ جازاسى بىرىشكە تەكلىپ بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە ② بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论