欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020)62-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، **ياش،19*-يىلى*- ئاينىڭ *-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى********0012:652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،توقسۇ ناھىيىسىدىن،توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ئىناق ماكان ئولتۇراق رايۇنى *-بىنا *-كورپۇس *-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2018-يىلى6-ئاينىڭ 30-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگگ بىرلگەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كېپىللىك ۋاقىتى توشقانلىقتىن كېپىللىكتىن بىكار قىلنغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار         م**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 133-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار م** 2018-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 22:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار توقسۇ مىھمانخانسىنىڭ ئاستىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىندا ئاغىنىسى ئ**، د**، ئ** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇررۇپ ئاق ھاراقتىن 2 بوتولكا ئىچىپ بولغاندىن كىيىن سائەت 00:30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتىراپتا سوغۇق ئىچىملىك دۇكىندىن چىقىپ ئ** بىلەن بىرگە توقسۇ ناھىيىلىك سالامەت دوختۇرخانىسنىڭ يان تەرپىدىكى ئۆزى  ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقان ماشنا رىمىنۇت قىلىش دۇكىنىدىكى ياتىقىدا ئىككى سائەت ئەتىراپىدا كىنو كۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، سائەت 04:00 ئەتىراپىدا باشقىلار رىمنۇت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەكىلىپ بەرگەن 新N8F416  نۇمۇرلۇق ماشنىغا ئ**، س**نى ئولتۇرغۇزۇپ شىمالدىن جەنۇپقا پىراۋىسىز ھەيدەپ ، توقسۇ ناھىيە تاشېرىق يېزا يېڭى ئاۋات كەنىت 1-گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە، قوللانغان تەدبىرى مۇۋاپىق بولماي يول ياقىسىدىكى تېرەككە سۇقۇلۇپ، ئادەم يارلىنىش بولمىغان ماشىندا ئىقتىسادى زىيان كۈرۈلگەن قاتناش ھادىسى پەيدا قىلغان.  توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترتى 110 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بۇيىرقىغا ئاساسەن ھادىسە نەق مەيدانىغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا م**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 3719- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« مە**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 83 مىللىگىرام»  دىيىلگەن.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار مە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار         م**گە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 2 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                  مۇئاۋىن  باش تەپتىش :  ئۆمەر ئەمەت

                        تەپتىش:    مۇنىرە ئېلى

                        2020-يىلى 3-ئاينىڭ  24-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top