欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某涉嫌盗窃一案)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

 كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى
                                       ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 542-نۇمۇرلۇق

      جاۋاپكارمXX، ئەر، 1986-يىلىXX- ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528011986 ، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك ئىتىپاق جەنۇبى يۇلى XX-ئاھالە XX-قورو، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەرلىك XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇر، 2005-يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 5يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2012-يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 5يىل 10ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

    كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكارنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 
 قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە :

  1) 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى  سائەت 23:00لەردە، جاۋاپكار مXX ئۆزى يالغۇز چېڭئەن جىيايۈەن ئولتۇراق رايۇنىغا بېرىپ، زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ كورلا شەھىرى چېڭئەن جىيايۈەن ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇسنىڭ ئالدىغا توكسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچىنى تارتماي توختۇتۇپ قويغان، جىنلۇڭ ماركىلىق جۈزىرەڭ ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ، توكسكىلىتنى مىنىپ يۈرۈپ، توكسىكىلىتنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئوغۇرلىغان توكسىكىلىتنى باشقىلارنىڭ كۈرۈپ قىلىپ، ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، كورلا شەھىرى ئىتىپاق ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىدىكى بىر بىنانىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ ئۆيگە قايتىپ كەتكەن.كورلا شەھەرلىك مال-باھا ئىسپات مەركىزىنىڭ [2019]180-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە، جىنلۇڭ ماركىلىق جۈزىرەڭ ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ 2019-يىلى 5–ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى باھاسىنى 2700يۈەن(ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يۇەن) دەپ باھالاپ بىكىتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلانغان توكسىكىلىت قايتۇرۇپ كىلىنگەن، دىلونىڭ قىممىتى: 2700 (ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ) يۇەن.

 2) 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە جاۋاپكار مXX ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، چېڭئەن جىيايۈەن ئولتۇراق رايۇنىغا بېرىپ زىيانلانغۇچى گXX كورلا شەھەر چېڭئەن جىيايۈەن ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس بىلەن XX-كورپۇسنىڭ ئارلىقىدىكى توك قاچىلاش ئورنىغا توختۇتۇپ توكقا چېتىپ قويغان، شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، شىنرى ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلتنى، يېنىدىكى ئاچقۇچنى سېلىپ، توك يۇلىنى ئاچقاندىن كىيىن ئەتىراپتا ئادەم يوق ۋاقىتتىن پايدىلنىپ، توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ مىنىپ چىقىپ ئىتىپاق ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇسنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان.كورلا شەھەرلىك مال-باھا ئىسپات مەركىزىنىڭ [2019]180-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە، شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، شىنرى ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلتنىڭ 2019-يىلى 05–ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى باھاسى 1920يۈەن(بىر مىڭ توققۇز يۈز) باھالاپ بىكىتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلانغان توكسىكىلىت قايتۇرۇپ كىلىنگەن، دىلونىڭ قىممىتى 1920 (بىر مىڭ توققۇز يۈز) يۇەن.

3) 2019–يىلى5-ئاينىڭ 28-كۈنى تەخمىنەن سائەت 1 لەردە، جاۋاپكار مXX ئۆزى يالغۇز، كورلا شەھىرى 30-ئولتۇراق رايۇنىغا بېرىپ زىيانلانغۇچى ھXXنىڭ كورلا شەھەرلىك 30-ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇسنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان، قىزىل رەڭلىك چىرۇي ماركىلىق ماشىننىڭ كەينى ئورۇندۇقتىكى بىر سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان بىر گۇرۇپ  (TST)ماركىلىق گېرىم بۇيىمى بىلەن زىيانلانغۇچى رXXنىڭ 30-ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا كەينىگە توك قاچىلاش ئۈچۈن توختۇتۇپ قويغان، قارا رەڭلىك، لۈدىياۋ ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتغا يېنىدىكى ئاچقۇچنى تىقىپ توك يۇلنى ئاچقاندىن كىيىن، ئوغۇرلاپ چىقىپ 30-ئولتۇراق رايۇندىن چىقىۋىتىپ قىزىل رەڭلىك چىرۇي ماركىلىق ماشىننىڭ كەينى ئورۇندۇقىدىن ئوغۇرلىغان سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە قاراپ پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ، بىر گۇرۇپ  (TST)ماركىلىق گېرىم بۇيىمىنى 30-ئولتۇراق رايۇننىڭ دەرۋازىسىنىڭ يان تەرپىدىكى توپا يولغا تاشلىۋەتكەن ، ئوغۇرلىغان قارا رەڭلىك لۈدىياۋ ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى مىنىپ چىقىپ، كورلا شەھىرى 37-ئولتۇراق رايۇنىغا توختۇتۇپ قويغان.

   كورلا شەھەرلىك مال-باھا ئىسپات مەركىزىنىڭ [2019]01-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە، گېرىم بۇيىمىنىڭ سېتىۋىلىش تالۇنى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى(ئىشلەپ چىقىرىش ۋاقتى)قاتارلىق ئۇچۇرلانى تەمىللەپ بېرالمىغانلىقى ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك مال-باھا ئىسپات مەركىزى بىر گۇرۇپ (TST)ماركىلىق گېرىم بۇيىمىنىڭ باھاسىنى باھالاپ چىقىرالمىغان، دىلو پاش بولغاندىن كيىن بىر گۇرۇپ  (TST)ماركىلىق گېرىم بۇيىمى قايتۇرۇپ كىلىنگەن. كورلا شەھەرلىك مال-باھا ئىسپات مەركىزىنىڭ [2019]180-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە، قارا رەڭلىك، لۈدىياۋ ماركىلىق، ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى باھاسىنى 2080يۈەن دەپ باھالاپ بىكىتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلانغان توكسىكىلىت قايتۇرۇپ كىلىنگەن، دىلونىڭ قىممىتى2080يۈەن.                                                                

  جاۋاپكار مXXنىڭ تۆت قېتىملىق ئوغۇرلۇق دېلوسىنىڭ ئومومىي قىممىتى 6700 يۈەن(ئالتە مىڭ يەتتە يۇز يۇەن).         

  جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى : يازما ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە يازما بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى، باھالاشنامە قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ، تۆت قېتىمدا باشقىلارنىڭ 6700 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار تەكرار جىنايەت سادىر قىلغان بۇلۇپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئېغىرلىتپ جازا بىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن، شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                             كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە  

                                        تەپتىش: يۈسۈپجان مەھەممەت

                                     2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

 (1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2توپلام، 10 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى. 

(2) جاۋاپكار مXX ھازىر كىپىللىكتە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top