欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某盗窃案)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 928-نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئېx،ئەر،ئۇيغۇر،1987-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6529231987******،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا شەھرىدىن،نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى:كۇچا شەھرى***بازىرى*** كەنت ***-گۇرۇپ**-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان .

ئوغورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2020-يىلى7-ئاينىڭ18-كۈنى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دىلو ئېچىپ تەكشۈرۈلۈپ،2020-يىلى7-ئاينىڭ22-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 420-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار ئېxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 9- ئاينىڭ 23-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار ئېx 2020-يىلى7-ئاينىڭ3-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 ئەتراپىدا، زىيانلانغۇچى ھx،تxلار بىلەن كۇچا شەھرى ** بازىرى ***كەنت **-گۇرۇپ تەۋەلىكىدىكى ئېتىزلىق يولىدا بىرگە ھاراق ئىچكەن، كېيىن ھx،تxلار ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان،ئېx ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ھxنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرستىدىن پايدىلنىپ، ھxنىڭ يەردە تۇرغان مىسەيفۇ چاپىننىىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ پۇل بارلىقىنى بىلىپ چاپاننى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، يەنە بىر ئېتىزلىققا كېلىپ چاپاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرغاندا 15000 نەق پۇل ۋە ھx نامىدىكى كىملىك،ئىجتىمائى كاپالەت كارتىسى، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى چىققان،ئاندىن يۇقارقى مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ كېتىپ نەق پۇلغا ھاراق ئىچىپ تاماق يەپ خەجلەپ تۈگەتكەن،كىملىك،ئىجتىمائى كاپالەت كارتىسى،كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قولياغلىققا ئوراپ چاپان يانچۇغىغا سېلىپ كۇچا شەھىرى***شىمالى يۇلى *** كەنت تەۋەسىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ئۆيلەر بار يەرگە  بىر قىزىل خاشو خالتىغا سېلىپ تاشلىۋاتقان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن بارلىق زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك ،جاۋابكار ئېxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ ،جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئېxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن :

   تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

       2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار ئېx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە .

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top