和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检一部刑诉〔2020〕**号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خېجىڭ ناھىيىلىك
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى ئەيىپلەش (2020) -نومۇرلۇق
1.جاۋابكارم** ،ئەر،ئۇيغۇر،1985-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ،كىمىلىك نۇمۇرى: ********6528271985، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،دېھقان ،ئىلگىرى قاتناش ھاسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن جازالانغان ،ئەسلى يۇرتى:شىنجاڭ ** ناھىيىسى،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى** كەنىت**-گۇرۇپپا**- نۇمۇر ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ21-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان ،توختىتىپ قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورودائولتۇرۇشلۇق،ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2.جاۋابكارھ** ،ئەر،ئۇيغۇر،1995-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ،كىمىلىك نۇمۇرى: * *******6528271995، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،دېھقان ،ئىلگىرى جازالانمىغان ،ئەسلى يۇرتى:شىنجاڭ ** ناھىيىسى،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى **كەنىت **-گۇرۇپپا**-** نۇمۇر ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇ لۇپ ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ21-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان ،توختىتىپ قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-**نۇمۇرلۇق قورودائولتۇرۇشلۇق،ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكارم**،ھ**نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.بۇ ئارلىقتا ئەيىپلەش سۈرىكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى ، دىلو بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى.جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكار م** ،ھ**مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكارم** 2019-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتدە ئارغامچا ،پىىچاق تەييارلارپ بىر ماشنىنى 80يۈەن كىرا قىلىپ ** ناھىيە ** بازىرى **ئىستانىسى ئەتىراپىدىكى يايلاققا بىرىپ ،شۇيەردىكى يايلاقتا ئوتلاۋاتقان زىيانلانغۇچى م**نىڭ بىر تۇياق كالسىنى ئوغۇرلاپ شۇيەردىكى قۇتانغا سۇلاپ قۇيۇپ،ئاندىن جاۋبكار ھ**گە تېلىفۇن قىلىپ ئۇكىسى ئ*نىڭ ماشنىسنى ھەيدەپ ئۆزى بار يەرگە كىلىپ ئۆزنى ئىلىپ كېتىشىنى دىگەن.ھ** ئە**نىڭ ماشنىسىنى ھەيدەپ م**نىڭ يېنىغا بارغان.بارغاندىن كىيىن م**ھە**گە بىر تۇياق كالنى ئوغۇرلىغانلىقنى ،بۇ كالنى ئىلىپ كىتىپ بىرتەرەپ قىلىشنى دىگەندىن ،ھ** قۇشۇلغان.ئاندىن ئىككىىسى ئوغۇرلىغان كالنى ماشنىغا بېسپ ** بازىرى **كەنىت تەۋەسدىكى ھ**نىڭ قۇتىنغا سۇلاپ قۇيۇپ،ئەتىسى قۇتاندا كالىنى سۇيۇپ ،م**نىڭ كورلىدىكى تۇنۇشى م** ئشىلەيدىغان گۆش سېتىش دۇكىنغا ئاپىرىپ كالنىڭ گۆشنى 3300يۈەن سېتىپ، بۇ پۇلدىن ھ**گە 800يۈەن بەرگەن.قالغان پۇلنى م**خەجلەپ تۈگەتكەن.
خېجىڭ ناھىيىلىك مال-باھاسىنى باھالاش ئىدارىسىنىڭ(2020)***-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە م**،ھ** ئوغۇرلىغان بىر تۇياق قارا رەڭلىك كالنى 7333يۈەن دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلانىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان تەكشۇرۇش رەسىمى، مال باھالاش يەكۈنى، تۇنۇتۇش رەسىمى ۋە خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكارم**،ھ**لەر قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە مەقسىتىدەباشقىلارنىڭ7333(يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئۈچ يۈەن)قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان. بۇ قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، شۇڭا قانۇن بويىچە ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.جاۋابكار م**بىلەن جاۋابكار ھ** بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن.شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 25-ماددىسى تەدىبىقلاندى .شۇڭا جاۋابكار م**،ھ** ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:ئەخمەتجان رۇزى
2020-يىلى7-ئاينىڭ7-كۈنى
1)جاۋابكارم**،ھە** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2)دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
3) ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى ئىككى پارچە
4) جىنايتىنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىككى پارچە.
5) جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى بىر پارچە.
6) نۇر دىسكا 2دانە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论