欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某诈骗案自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                 ئۈ ت ت 1-ب ج ئە2020﹞215–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

      جاۋابكار مەر**، ئايال، ئۇيغۇر، 1988-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6541011988، ئالىي تېخنىكۇم مۇلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھىرى **كوچا** يولى **-كوچا **-نۇمۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **ئولتۇراق رايۇنى ** رايۇن **-بىنا **-زال **-نومۇرلۇق ئۆي. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مەر**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 10–ئاينىڭ 19-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2018-يىلى **-ئاينىڭ ***-كۈنىدىن 2018-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنىگىچە، جاۋابكار مەر** زىيانكەشلىىكە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ سىڭلىسى را**نى نۇپۇسقا ئالدۇرۇپ بېرىشنى باھانە قىلىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئى 34400 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.

جاۋابكار مەر** 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتى تەرىپىدىن تېلفۇن ئارقىلىق چاقىرتىلىپ دىلوغا كەلتۈرۈلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. جاۋابكار مەر**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى، جاۋابكارنىڭ تۇتۇلۇش (دېلوغا كېلىش) جەريانى ئىسپاتى؛

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار مەر**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مەر**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مەر**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                  تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                         تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت

2020–يىلى 11–ئاينىڭ 9–كۈنى

ئەسكەرتىش:

 1.جاۋابكار مەر** ھازىر تۇرار جايى نازارەت ئاستىدا.

 2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

 3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.    

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top