欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某诈骗罪一案)(公开版)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 241-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

   جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، **ياش **-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى003X: **652925، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ** ناھىيسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى: ** ناھىيە ** بازار ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 14- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان . 

 جاۋابكار م**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 92–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار م** 2019- يىلى 10- ئاي مەزگىلدە، ئايالى ئا**غا مىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەم ياخشى بولغاندىكىن توردا مال ئەكەلدۈرۈپ، ئۈندىداردا تور سودىسى قىلايلى، مالنى مەن سالدۇراي دىگەن، ئا** قۇشۇلغان . ئاندىن جاۋاپكار م**، ئا**نىڭ ئۈندىدارىغا، كىيىم- كېچەك، توكسىكىلىت، سافا، بوچاڭ (يۇمشاق كارۋات) قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ سۈرىتىنى باھاسى بىلەن يوللاپ بىرىپ، ئۈندىدارىڭىزدىكى ھەر قايسى توپلارغا ۋە دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، سېتۋالدىغانلار بولسا مۇشۇ باھادا باشقىلاردىن پۇل ئېلىڭ، مالنى مەن سالدۇرۇپ بىرىمەن دىگەن. ئاندىن جاۋاپكار م**مۇ ئۈزىنىڭ ئۈندىدارىغا كىيىم- كېچەك، توكسىكىلىت، سافا، بوچاڭ قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ سۈرىتىنى باھاسى بىلەن يوللاپ، ئېھتىياجلىقلار بولسا ئەرزان باھادا ئەكەلدۈرۈپ بىرىش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى چىقارغان. ئا** جاۋاپكار م**نىڭ دىگىنى بۇيىچە، 2019- يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن، 2019- يىلى 11-ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە؛ ئۆزى ئىشلىتۋاتقان (ئۈندىدار نۇمۇرى :wxid-97n5i9pg8irs22 ، ئۈدىداردىكى ئىسمى : 爱你kozam) ئۈندىدارى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ؛ توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق بازار غازمەھەللە كەنىت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق م** (ئۈندىدار نۇمۇرى؛ muyasar9110، ئۈندىداردىكى ئىسمى: aSKi) دىن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بېرىش نامىدا 500يۈەن پۇلنى، توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا لەمپە كەنىت 3-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ر** (ئۈندىدار نۇمۇرى: R18399705209 ئۈندىداردىكى ئىسمى: 危险)دىن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 699 يۈەن پۇلنى، توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازار ئاچال كەنىت 2-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئا** (ئۈندىدار نۇمۇرى: yaprak687، ئۈندىداردىكى ئىسمى:xabnam )دىن كىيىم-كېچەك ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 240يۈەن پۇلنى، توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا توپادۆڭ كەنىت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق گ** (ئۈندىدار نۇمۇرى: vxid-1knmezh4yy6p22 ئۈندىداردىكى ئىسمى: 古丽妮萨18399220361) دىن توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 530 يۈەن پۇلنى، پوسكام ناھىيە پوسكام بازىرى چىنار كوچىسى 46-نۇمۇر قۇتچى ئولتۇراق رايۇنى 14-بىنا 2 -كورپۇس 2451-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئا** (ئۈندىدار نۇمۇرى: Aa3227217878 ئۈندىداردىكى ئىسمى: 美人台笑脸服务有限公司)دىن سافا ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 1700 يۈەن پۇلنى، شايار ناھىيە يېڭمەللە بازىرى كۆتەكساراي كەنت 1-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ر** ( ئۈندىدار نۇمۇرى-gzcojrbrgu8e22 Wxidئۈندىداردىكى ئىسمى 忍) دىن بىر دانە يۇمشاق كارۋات ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 1040 يۈەن پۇلنى، پىچان ناھىيە پىچان بازىرى يېڭى كىرورەن ئولتۇراق رايۇنى 20-بىنا 2-كۇرپۇس 503-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئا** (ئۈندىدار نۇمۇرى aygul11646 ئۈندىداردىكى ئىسمى 阿依古丽) دىن بىر دانە تاماق ئۈستىلى ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 800يۈەن پۇلنى بۇلۇپ، جەمئى 7 قېتمدا 5509 يۈەن پۇلنى  ئۈندىدارى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ، يۇقارقى پۇلنى جاۋاپكار م**نىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن. جاۋاپكار م** ئايالى ئا**دىن بۇ پۇللانى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، يۇقارقى بۇيۇملارنى ئەكەلدۈرۈپ بەرمەي پۇلنى  ئۈزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن .

جاۋاپكار م** 2019-يىلى10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە؛ ئەرزان باھادا توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا؛ ئۆزىنىڭ (ئۈندىدارى نۇمۇرى: jonmmm15770015665 ، ئۈندىدار ئىسمى: 相思鸟) ئۈندىدارىدا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق؛ توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا پوتوغراق كەنىت 1-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ت** ( ئۈندىدار نۇمۇرى T2828288H :، ئۈندىداردىكى ئىسمى : 85通A4托合坦木女士) دىن جەمئىي 9 قېتىمدا 10180يۈەن پۇلىنى، توقسۇ ناھىيە بازىرى پويىز ئىستانىسى يۇلى 4-نۇمۇر شەھەر شىمالى كىچىك رايۇنى 13-بىنا 2-كۇرپۇس 103-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق م* (ئۈندىدار نۇمۇرى yigana0006 :، ئۈندىداردىكى ئىسمى : YEGANA YAPRAK) دىن توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 5 قېتىمدا 2480 يۈەن پۇلىنى، توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق بازار غازمەھەللە كەنىت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق مۇ** ( ئۈندىدار نۇمۇرى ؛ muyasar9110، ئۈندىداردىكى ئىسمى : aSKi) دىن  ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بېرىش نامىدا  200يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان، يەنە توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا لەمپە كەنىت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئا**(ئۈندىدار نۇمۇرى: wxid-evbmhk3cftfg22 ئۈندىداردىكى ئىسمى :水~晶) بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئا**نىڭ يولدىشى بىلەن تاشئېرىق بازىرى شاپتۇلزار تائاملىرى ئاشخانىسى ئالدىدا كۈرۈشۈپ، توكسىكىلىت ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا 1650يۈەن نەق پۇلنى ئالغان، جاۋاپكار م** جەمئى 15 قېتىمدا 14510 يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كىيىن، يۇقارقى بۇيۇملارنى ئەكەلدۈرۈپ بەرمەي، پۇلنى ئۈزى خەجلەپ تۈگەتكەن .

يۇقارقىلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا؛ جاۋاپكار م**2019  -يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە؛ ئۈزى ۋە ئايالى ئا** ئارقىلىق توردىن ئەرزان باھادا مال ئەكەلدۈرۈپ بىرىش نامىدا، باشقىلارنىڭ جەمئى 20019يۈەن پۇلنى ئالداپ  ئالغاندىن كىيىن، بۇيرۇتقان ماللارنى ئەكەلدۈرۈپ بەرمەي، بۇ پۇللارنى ئۈزى خەجلەپ تۈگەتكەن . 

دىلو پاش بولغاندىن كيىىن توختەم نىيازنىڭ 3431 يۈەن پۇلى، مۇيەسسەر مەمەتنىڭ 700 يۈەن پۇلى، رىيانگۈل ئېزىزنىڭ 699 يۈەن پۇلى، ئاينۇر كىبىرنىڭ 240 يۈەن پۇلى، گۈلنىسەم ئىسمايىلنىڭ 530 يۈەن پۇلى، مەڭلىسەم توختىنىڭ 1000 يۈەن پۇلى، ئارزىگۈل قاھارنىڭ 1000 يۈەن پۇلى  بۇلۇپ جەمئى 7600 يۈەن ئەسلىگە كەلگەن، قالدى 12419 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن – سىن ماتىريالى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار . دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. 

مەھكىممىز، جاۋابكار م**نىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى  شەككىللىندۇ . جاۋابكارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى قۇشۇمچە 3000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

تەپتىش : ئەمەر ئەمەت

                 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا . ② 3 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top