欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某过失致人死亡案起诉书)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                     ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)42–نۇمۇرلۇق

  باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋاپكار م**، ئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********65292619، ئۇيغۇر، پارتىيە ئەزاسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، * ناھىيە ** يېزا **-كەنت *-گۇرۇپ*-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2018–يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2019–يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

   باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (2019) 147-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە  يوللىغان. مەھكىمىمىز  دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشىقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سوئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرىنى ئاڭلىدى، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ، دېلونى ئىككى قېتىم باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 9-كۈنى دېلونى قايتا يوللىغاندىن كىيىن، ئاقىلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ  دەلىل–ئىسپاتلارنى سېلشتۇرۇغاندىن كىيىن دېلو بىجىرىشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  2018-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن، جاۋابكار م** تېرە سېتۋېلىش ئۈچۈن، ئە** نامىدىكى ***新N نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى كوزۇپلۇق ماشىننى ھەيدەپ، ئە** بىلەن بىرگە، باي ناھىيە**يېزا *-كەنت *-گۇرۇپتىكى ئا**نىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ھويلا ئىچىدىن زىيانلانغۇچى ئە** قاتارلىق بىر نەچچە كىچىك بالا يول تەرەپكە چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن، جاۋابكار م** ماشىننى ھەيدەپ ئا**نىڭ ھويلىسغا ئېلىپ كىرىپ توختاتقان ۋە ماشىندىن چۈشۈپ ئا**بىلەن كۆرۈشكەن، ئا** جاۋابكار م**غا ماشىننى باغ تەرەپكە ھەيدەڭلار، تېرە باغنىڭ ئىچىدە دېگەندىن كىين، جاۋابكار م** ئەتراپنى ياخشى كۈزەتمەي، سىگىنال ئۇرماي تۇرۇپلا ماشنىنى ھەيدەپ باغقا قاراپ مېڭىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ئە**نى بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئە** جاۋابكار م**غا ماشنىڭ ئارقسىدا بىر نەرسە بار ئىكەن، ماشىننى تېز توختتىڭ دىگەن، جاۋابكار م** دەرھال ماشىننى توختتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغىچە، ئا** يەردە ياتقان زىيانلانغۇچى ئە**نى كۆتۈرۈپ ئېلىپ، زىيانلانغۇچى ئە**نى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، نەتىنجىدە، زىيانلانغۇچى ئە** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2018) **-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بۇيىچە جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدە «ئۆلگۈچى ئە** ھادىسە سەۋەبىدىن جىگەر يېرىلغان، ئىككى تەرەپتىكى ئۆپكە زەخمىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى كۆكىرەك قىسمىغا ھاۋا يىغىلىپ قېلىپ، شۈك بولۇپ نەپەس قىيىنلىشىپ ئۆلگەن» دىيىلگەن.

   يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.

    مەھكىمىمىز، جاۋابكار م**نىڭ يۇقارقى قىلمىشدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى شەكللىندۇ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست بىكتىشكە بۇلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 233-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم  قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ساجىدەم مەمەت

2020–يىلى 4–ئاينىڭ 27–كۈنى

پۈتۈكچى: گۈلنار سۇلايمان

ئىزاھات:

1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش     تەكلىپى بىرگە يوللاندى. 

2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسدە كېپلدە .

3) زىيانلانغۇچىنىڭ ھەق–تەلەپ ئەرزى يوق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top