شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 456–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ياXX (باشقا ئىسمى ،لەقىمى يوق)، ئەر،****-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528011986 ، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئېگە . يەككە تىجارەتچى ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى تېكىچى يېزا ئۈستۈن چاچى كەنت 1-گۇرۇپپا 106-نۇمۇر ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا 1-كورپۇس 103-نۇمۇر.2019-يىلى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . 2019-يىلى 07-ئاينىڭ 19-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ياXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى02-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 02:40لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ياXX پىراۋىسىز،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ***** 新M نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى**ئولتۇراق رايۇنى 10-بىنا ئالدى يول بۆلىگىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىگىدە توختۇتۇپ قۇيۇلغان *****新M نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن *****新M نۇمۇرلۇق ماشىنىنى سوققان،نەتىجىدە ئۈچ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 1250-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار ياXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا222مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2019)934177-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ياXX پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ياXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارياXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،پىراۋىسىز، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ياXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس
2020-يىلى6-ئاينىڭ17-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论