欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某危险驾驶案)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                   ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 24-نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

 جاۋابكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر، 8819-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى   تۇغۇلغان، كىملىك  نۇمۇرى: ******1988**652101 تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون يار ** ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان. بۇرۇن جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن .  

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار يXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار يXX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

 مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار  تۆۋەندىكىچە : 

  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8:20 لار ئەتراپىدا،  جاۋابكار يXX ھاراق ئىچىپ B2D تىپلىق پىراۋىسى بىلەن، ئۆزىنىڭ *****新K نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ** يولىدا شىمالدىن جەنوپقا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، **نىڭ ئودۇلىغا كەلگەندە،  شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ【2018】 6802-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا: « يXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكاگولنىڭ مىقىدارى 167مىللىگىرام» دىيىلگەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكار يXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار يXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت                     

                                   2020-يىلى 1-ئاينىڭ  13-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار يXX كېپىلدە.

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا ، تۆۋىنامە 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top