شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ياXX ، ئەر،ئۇيغۇر،1980-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221980، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە X بازىرى X كوچىسى X-نومۇر Xئولتۇراق رايۇنىX-بىنا X-كورپۇسX-نومۇر، تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە ، مۇقۇم كەسپى يوق، ئىلگرى جازالانمغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ياXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى تېزسوت قىلىش تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلىدۇ .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ياXX 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 0 دىن 25مىنۇت ئەتراپىدا،ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 新NXXXXX نومۇرلۇق كىچىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە ئونسۇ بازىرى بەيخې ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدى دەرۋازىسغا كەلگەندە، شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى بازارلىق ساقچىخانا ساقچىلرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
جاۋاپكار ياXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە، قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml188.29 ئىكەنلىگى بىكىتىلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:
جاۋاپكار ياXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار ياXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكار ياXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى:ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە:
(1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا تېزسوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىۋى ،بىرنۇسقا «جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋاپكار ياXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论