شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 822- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ياX ،ئەر،ئۇيغۇر، **19-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231984، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان ، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا ناھىيە ** بازار ** كەنىت*-گوروپ **- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020 -يىلى05– ئاينىڭ 08-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 2020-يىلى09-ئاينىڭ 21-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 【2020】371-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ياXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار ياX 2020-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنى سائەت21:00 ئەتراپىدا كۇچا شەھىرى ** بازار ** كەنت تەۋەلىكىكدىكى ** ئارامگاھىدا ئاغىنسى رX،رX ،قاتارلىقلاربىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن شۇ كۈنى سائەت 23:00 ئەتىراپىدا سورۇندىن قايتىپ چىقىپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئۆزى ھەيدەپ كىلىپ توخىتپ قويغان 新N****نۇمۇرلۇق ماشىنىغا رXنى چىقىرىپ ** بازار ** كەنت يول بۆلىكىدە جەنۇپتىن-شىمال يۆنلىشتە ھەيدەپ ** كەنت*-گورۇپپا يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان،
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، ياXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml 113mgدەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى،ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك،جاۋابكار ياXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ياXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسى، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ياX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论