欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某涉嫌危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 

ئەيىبلەشنامىسى

                        ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2019 )742 -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار يXX، ئەر، 1985-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528011985 XXXX XXXX، ئۇيغۇر،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى : ئىشچىسى ، ئىلگىرى جازالانمىغان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر XX يىزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھەر XX يۇلى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق قورۇ. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج ى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بىرىلگەن.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار يXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت  18:02 لەردە ، جاۋابكار  يXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، ئۆزىنىڭ 新MXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ ،كورلا شەھەر شەرقى خەلق يۇلى بايىنغۇلىن مىھمانخانىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپات باھالاش مەركىزى (2018)3698-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا، جاۋابكار يXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 176.27 مىلليگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىققان

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان سۆرئىتى ۋە خەرىتىسى، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار يXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار يXX قاتناش - تىرانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،  شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار يXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن : 

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                     تەپتىش : پەزىلەت مۇھەممىدىن 

                                                 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 

ئەسكەرتىش :  

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، ئون نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

(2) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بىرىلگەن .

(3) جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىش تىل خىتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top