欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)339–نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 جاۋابكار ي** ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1010*******652925، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىشچى، توقسۇ ناھىيسىدىن، ت** ناھىيە ئى**بازار ي** كەنت **-گوروپ ***-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار         ي**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 197-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار ي** 2020-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 19:30 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل رايۇنىدىكى كۆل بويىدا ، ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن كېيىن، تاكسىدا ئولتۇرۇپ ئىچئېرىق بازار يۇقارقى مەھەللە كەنتتىكى ئۆيىگە قايتىپ ئارام ئالغان. سائەت 22:00 ئەتراپىدا ،  جاۋاپكار ي** تاماكا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新N4508D نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى  مەس ھالەتتە  پىراۋىلىق ھەيدەپ، جەنۇبتىن شىمالغا يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، تەخمىنەن 150 مېتىر ئەتراپىدا يول يۈرگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى يۇقارقى مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىللىرى جاۋاپكار ي** ھەيدىگەن ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ي**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ي**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 3799-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە : ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 270 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ي**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار         ي**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 4 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 9 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                                    تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

                                   تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت    

                        2020-يىلى 11-ئاينىڭ  3-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top