欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某涉嫌滥伐林木案)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

                                                             ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX–يىلى XX–ئاينىڭ XX–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل-دەرەخنى قالايمىقان كېسىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يXXنىڭ دەل-دەرەخنى قالايمىقان كېسىش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

            مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار يXX دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق تارماقلىرى تەرپىدىن «دەل-دەرەخ كېسش ئىجازەتنامىسى» بىجىرمەي تۇرۇپ، 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنىدىن XX-كۈنىگىچە XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىگە جايلاشقان تېرىلغۇ يەر بويىدىكى ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان يېرىدىن 85 تۈپ دەرەخ (قارا تىرەك، سىدە تىرەك) نى قالايمىقان كىسىپ، 3750 يۈەنگە سېتىۋىتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن . جاۋابكار يۇقارقى قىلمىىشنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

شىنجاڭ جېن گۈەندا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ (2019)XX-نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە «يXX كەسكەن دەرەخنىڭ زاپاس مىقدارىنى m3 24.9259» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار يXXنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامە بىجىرمەي تۇرۇپ دەرەخ كەسكەن قىلمىشىدىن دەل-دەرەخنى قالايمىقان كېسىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 345-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى، زىيانلىق ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرى: XXXX

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top