欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某的非法经营罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-25 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕472号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

   ئەيىبنامىسى

ئۇ جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020)472-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ياxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx يۇلى xx-كۇچا xx-نومۇرلۇق ئۆي، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللە، تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى تىجارەتچى، ئىلگرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىگە بىرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ياxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ياxx دۇرا سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق تۇرۇپ پايدا تېپىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 3-ئايدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنگىچە بولغان ئارلىقتا تۇققىنى ئىxxدىن 779 قۇتا ئەتراپىدا دۇرا يەنى (复方地芬诺酯片) دىفىن نوجىپىيەننى، ھەر بىر قۇتىسىنى 40 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە باھادا جەمئى 77290.00 يۈەنگە سېتىۋېلىپ، 236 قۇتا دۇرىنى ئۈزى يەپ دۇرا خۇمارىنى باسقان، قالغان 543 قۇتا دۇرىنى ئاxx، مىxx، ئاxx، ئەxx، ئxx، غەxx، گۇxx، ئىxx، گۈxx، نۇxx، خاxx، ئىxx، دىxx، ئەxx، نىxx، پەxx، ئېxx، ئەxx قاتارلىقلارغا ھەر بىر قۇتىسىنى 50 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە باھادا جەمئى 58177.00 يۈەنگە سېتىپ 4757.00 يۈەن پايدا ئالغان. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ياxxنىڭ دۇرا سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق تۇرۇپ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دۇرا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇرەككەپ رىتسىپلىق دۇرىلارنى ئېلىپ ساتقان قىلمىشىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 2525-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: گۇلجامال ئابدۇقادىر

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى: 

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top