欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某诈骗案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                شايار ت ئە چىقىش (2020) 367-نومۇرلۇق

جاۋابكار يxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : xxxxxxxxxx65313019 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى xx شەھىرى xxكەنت xx-تۈەن x-لىيەن x-باشقۇرۇش رايۇنى xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار سۈپتىدە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر شايار ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ياxxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 12-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچىلەر جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى، دېلو بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ، بېجىرىش سۈرۈك مۇددىتى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى، جاۋابكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى . 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ياxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا، مىxx بىلەن ئۈندىداردا تۇنۇشۇپ قېلىپ، ئۇندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا مىxxنى ئۆزىنىڭ تۈرمىدە جىنايى جازا ئۆتەۋاتقانلارنى سىرىتقا ئەچىقىپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۈرگەن. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكار ياxxمىxxنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق، زىيانلانغۇچى مxx بىلەن ئۈندىداردا كۆرۈشۈپ، زىيانلانغۇچى مxxنىڭ تۈرمىدە جىنايى جازا ئۆتەۋاتقان ئاچىسى پxxنى تۈرمىدىن دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئەچىقىپ بەرمەكچى بولغان، ھەم ئۈندىدار ئارقىلىق ئىككى قېتىمدا زىيانلانغۇچى مxxنىڭ 10000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندا مxxنىڭ 10000 يۈەن ئىقتىسادى زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ياxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، قانۇن بۇيىچە تۈرمىدە جىنايى جازا ئۆتەۋاتقانلارنى كېسەل سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا ئېلىپ چىقىپ بېرىشنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىدەك ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق، جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە، جاۋابكار ياxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ياxx جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا جاۋابكار ياxxگە مۇددەتلىك 8 ئاي 12 كۈن قاماق جازاسى، قۇشۇمچە 3000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپى بىلەن بىرگە ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن 

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

   

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top