شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى
غۇلجا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
غ ن ت ئەيىپلەش〔2019〕 128- نومۇرلۇق
جاۋابكار يا** ،ئەر ،ئۇيغۇر ، ،*-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان ،دىھقان ،تۇلۇقسز مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى :******* ،نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى :غۇلجا ناھىيە چۇلۇڭقاي يىزىسى * مەھەللە كەنىت *چۇڭ كوچا *-كوچا*-نومۇر ،ئىلگىرى جازالانمىغان .
2019-يىلې1-ئاينىڭ12-كۈنې غۇلجا ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختۇتۇلغان ،2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئىلىنغان ، ھازىر غۇلجا ناھيىلىك قاماقخانىسىدا قاماقلىق .
بۇ دىلۇنى غ ن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۇنى مەھكىمىمزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان . مەھكىمىمىز دىلۇنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى ئۇختۇردۇق ،دىلۇدا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ كۆرۈپ، دىلۇ تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 22دىن 50مىنۇت ئەتراپىدا ، جاۋابكار يا** 新F** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، غۇلجا ناھيە X705-لىنىيىسدە غەرىپتىن -شەرىققە قاراپ كىتىۋىتىپ 4كىلۇمىتر+500مىتر يۇل بۈلىكىگە كەلگەندە ، ئالدى تەرەپتە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولنىڭ ئۈستىدە يىتىپ قالغان زىيانلانغۇچى جۇ**نى سۇقۇپ. جۇ**نىڭ دۇختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىشى 新F** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننىڭ بۇزۇلۇشىدەك يۇل قاتناش ھادىىسى يۈزبەرگەن. ھادىسە يۈزبەرگەندىن كىيىن جاۋابكار يا*** 新F**- نومۇرلۇق ماشىنىسنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن قىچىپ كەتكەن .
يۇقارقى ېاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئسپاتلار توۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات
1. جاۋابكارنىڭ ئىقراسى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى
1. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى
1. ئىنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى
1. ئۈن سېن ماتىريالى
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋابكار يار**نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راسىت ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق ، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز
ھورمەت بىلەن:
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2019- يىل 5- ئاينىڭ 9-كۇنى
تەپتىش :مەرھابا ئابدىكىرىم
ئىنتىزار روزاخۇن
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار قولغا ئىلىنغان ، ھازىر غ ن قاماقخانىسىدا قاماقتا .
2.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى قوشۇپ يوللاندى.
3. 2توېلام دىلۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كوپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.
4.زىيانلانغۇچى تەرەپ ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلىدۇ .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论