欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(伊力·艾克班贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)116 –نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار  ئېلى ئەكبەر، ئەر، ئۇيغۇر، 1987-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021987، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم ئىش ئورنى يوق. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى **يولى **كوچا **-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى -**نۇمۇر -**بىنا -**زال- **نۇمۇر.  2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تارتىۋىلىش جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك 3يىل 6ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ2012-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايتى بىلەن5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايتى بىلەن 4ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قىتىم زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23- كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقىلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئېلى ئەكبەرنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 22-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بىر قېتىم 15كۇن ئۇزارتتۇق.

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

 جاۋابكار ئېلى ئەكبەر2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت22لەردە **رايۇنى **يولى كۆررۈكنىڭ ئاستى كېسىشكەن يول ئېغىزدا  باشقىلارغا چوڭ بىر بولاق قارا سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان يىشىل رەڭلىك موخۇركىسىمان زەھەرلىك چېكىملىك( ناتاشا )   ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى  تەرىپىدىن تۇتۇلغان.تۇتۇلغاندىن كېيىن  يېنىدىن  كىچىك ئۈچ بولاق يىشىل رەڭلىك موخرەكسمان زەھەرلىك ماددىنى ئاختۇرۇپ تاپقان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارسىنىڭ 2019-309-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا جىنايەت گۇماندارى باشقىلارغا ساتقان  چوڭ بىر بولاق قارا سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان يىشىل رەڭلىك موخۇركىسىمان ماددىنىڭ تەركىپى ((5F-ADBناتاشا تەركىۋى  چىققان بولۇپ ئېغىرلىقىنى 482.63گىرام دەپ باھالىغان.يېنىدىن چىققان 3 بولاق زەھەرنىڭ تەركىۋىدىن ناتاشا تەركىۋى چىققان بولۇپ ئېغىرلىقى 1.478 گىرام دەپ باھالىغان.

   2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى **شەھىرى **رايۇنى **يولى كۆررۈكنىڭ ئاستىدىن باشقىلارغا زەھەر ساتقان نەق مەيداندا غالبىيەت يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

  1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئېلى ئەكبەرنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

  2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئە**،سۇي**لارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

  3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئېلى ئەكبەرنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

  4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

  5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛ 

  6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

   مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئېلى ئەكبەرنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ -ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئىلگىرىمۇ زەھەرلىك چېكىملىك سېتىپ جازالانغان بولۇپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ356-ماددىسىنى تەدبىقلاپ جازالاش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                           تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                           تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 1-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار ئېلى ئەكبەر ھازىر ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-قامقخانىدا قاماقتا؛

2. 2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 4 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top