شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب (2020) 214- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئى****، ئەر، ئۇيغۇر، ئۇيغۇر، 5519-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1955********652101 ، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** يولى ** كەنتى **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىدىقۇت رايونلۇق ** ئىدارىسى پىنسىيونىرى، پارتىيە ئەزاسى، بۇرۇن جازالانمىغان، بۇ قېتىم ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر كېپىلدە.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئى****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋېتىنى ئۇقتۇرۇپ، تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2020- يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 21:30 لار ئەتراپىدا ئى**** مەس ھالەتتە نۇمۇر تاختىسىز ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئىدىقۇت رايون **يېزا ** كەنتى يولىنى بويلاپ شەرقتىن غەربكە قاراپ، باشقىلارنىڭ يولىنى ئىگەللەپ ھەيدەپ كىتىپ بارغاندا،** كەنت يولىنى بويلاپ كىتىپ بارغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقۇلۇپ، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرەپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزنىڭ 】2020【1153-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا « ئى****نىڭ قان تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوگۇل مىقدارى ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 219 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئى****نىڭ جىنايتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرىدۇ.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى : جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزنىڭ 】2020【1153-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئى****نىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قاتناش تىرانسىپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمۇنى، 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكار ئى****نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : رابىگۇل تۇرسۇن
2020- يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
قوشۇمچە :
1. بۇ دېلو ئۈچ توپلام بەت.
2. جاۋابكار ئى**** ھازىر كېپىلدە.
3. دېلونىڭ ئۈچ توپلام ئارخىپ ماتىرىياللىرى، ئىككى دانە دېسكا بىلەن 8 پارچە ئەيىبنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论