شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ج ئىئە چىقىش (2020) 709-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار : ئى** ، ئەر، ئۇيغۇر، -19**يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرىX371****** 65212219 ،پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنىت **- گۇرۇپپا **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئى**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى-10 ئاينىڭ 6- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
-2020يىلى 08-ئاينىڭ01-كۇنى سائەت 03دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار ئى** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋاسىز ھالدا رەسميەتسىز “خاۋجۇ” ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتىسىكىلىتنى ھەيدەپ ، غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ مىڭىپ ،پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرپپا ئالدى يول بۈلىكىگە كەلگەندە،يول ئۈستىدىكى ياغاچ بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ھادىسىدە ئى** يارلىنىپ ،قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچىراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان .
شىنجاڭ «خۇا توڭ» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) **- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا :ئى**دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 146.85 دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛4. باھالاش يەكۈنى؛ 5.نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئى**نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئى** دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئى** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار ئى**گە 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇپ، جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
تەپتىش ياردەمىچىسى: ئايجەننەت ھىمىت
2020 -يىلى 11-ئاينىڭ3-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ئى** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
1. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى
قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论