博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕71号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 71 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئى** ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1987-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى: 6527011987********، تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** بازار** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نومۇر . نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر چىندىل **ساقچىخانىسى، 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن ، 2020- يىلى4- ئاينىڭ14- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى4-ئاينىڭ13-كۈنى (2020)50- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئى**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2020-يىلى 03-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 01:34لەر ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئى** ھاراق ئىچىپ، 新E-***** نومۇرلۇق يىنىك تىپتىكى ئادەتتىكى يۈك ماشىنىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر شىمالى ئايلانما يولىنى بويلاپ، شەرىقتىن غەرىبكە قاراپ كىتىۋېتىپ، ئالغا 2- كەنىتتىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. بورتالا ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپات باھالاشنامىسىدا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن ئى**نىڭ ۋىنا قىنىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 104.086mg/100ml بولۇپ بېكىتىلگەن ، بۇ مەسىت ھالەتكە تەۋە .
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ : جاۋاپكار ئى**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى4-ئاينىڭ 23-كۈنى
قوشۇمچە :
1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论