شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن ت ئەيىپلەش1- بۆلۈم [ 2020] 140-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئىxx، ئەر، ئۇيغۇر، xxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى: 6541xxxxxxxx3976، مەخسۇس كۇرس مەلوماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ۋە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورنى: غۇلجا ناھىيەxx يېزا xx كەنت xxx يولى xx-كوچا xx-قورۇ، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ، شۇ كۈنى غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپىسىزىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئىxxنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۇق، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئىxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 02 لەر ئەتراپىدا، ئاغىنىسى يۈxx، خاxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ، سورۇننى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنxxxxx 新F نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ، دۆلەت يولى 218-لىنىيە 107كېلومېتىر يول بۆلىكىگە كەلگەندە، غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى دۆڭمازار ئوتتۇرا ئەترەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈلگەن، ۋە جاۋابكار ئىxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك گۇمانى زور دەپ قاراپ، جاۋابكار ئىxxنى غۇلجا ناھىيە دۆڭمازار بازارلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان. جاۋابكار ئىxxنىڭ قېنىنى ئىلىپ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار ئىxxنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى 267.61mg/100ml دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكار ئىxxنىڭ نوپۇس ئىسپاتى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛
1. گۇۋاھچى خاxx، يۈxx، قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
1. جاۋابكار ئىxxنىڭ ئىقراسى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
1. شىنجاڭ جۇڭيىئە ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020)2796-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى باھالاش پىكىرنامىسى؛
1. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان سۈرەتلىرى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمونى ئوبىيىكتىپ راست، شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى قىلمىش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ھەم ئۆزى خالاپ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار ئىxx قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نېزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىرىنجى مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خلاپ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راسىت، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىشى كىرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جاۋاپكار ئىxxغا «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىرىنجى مەزمۇن، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «مەسىتلەر موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، 2ئاي 10كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قويۇش جازاسى بېرىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىبراھىم ھۈسەن
ياردەمچى تەپتىش: ئەرپات ئابدۇللا
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلدى، ھازىر سىرىتتا؛
2.ئىككى توپلام دېلو ماتىرىيالى، 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، سوراق خاتېرىسى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论