شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئـاقسـۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئـەيىبنـامىسـى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 276 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئxx، ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياش، كىملىك نومۇرى: 6529011990xxxxxxxx، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: كەلپىن ناھىيسى، توختۇتۇپ قويۇلۇشتىن ئىلگىرى : ئاقسۇ شەھەر xx- ئولتۇراق رايونى xx- بىناxx- كۇرپۇس xx- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تاكسى شوپۇرى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلۋىتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ( 2019 ) 1687- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە
جاۋابكار ئxx 2018- يىل 12- ئاينىڭ 21- كۈنى سەھەر سائەت 0 لەر ئەتىراپىدا ئۆيىدە ئاتا- ئانىسى بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ، ئاچچىقىدا ئاقسۇ شەھەر غەربى چوڭ كوچا xx- ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيدىن ئۆزىنىڭ 新N2xxxx نۇمۇرلۇق كۆك رەڭلىك xx ماركىلىق تاكسى ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ يولدا ماڭغاچ ئۆيدىكى جىدەلنى ئويلاپ ئاچچىقىدا قەستەن xx- ئولتۇراق رايونى بىلەن xx مەيدانى ئوتتۇرسىدىكى تۆمۈر توساقنى سوقۇپ بۆسۈپ چىقىپ يولدا كىتۋاتقان زىيانلانغۇچى خۇ xxنىڭ كۈل رەڭ xx ماركىلىق ، 新NTxxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنىڭ ئالدى سول تەرىپىنى ۋە شۇ يولدا كىتۋاتقان زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ كۆك رەڭلىك، xx ماركىلىق ، 新Nxxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى سوققاندىن كىيىن ، ماشىننى داۋاملىق ھەيدەپ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ مېڭىپ شۇ تۆت كوچىدا يېشىل چىراقتا يول يۈرۈش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغان زىيانلانغۇچى ۋxxنىڭ قارا رەڭلىك xx ماركىلىق، 渝C7xxxx نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئالدى سول تەرەپ چاق قىسىمى ۋە تۆت كوچىدا يېشىل چىراقتا يول يۈرۈش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغان زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ 新N4xxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئوڭ تەرەپنى سوقىۋەتكەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك مال باھا ئىدارىسى بۇزۇلغان يول رىشاتكىسنىڭ باھاسىنى 4500 يۈەن، زىيانلانغۇچى خۇ xxنىڭ ماشىنىسىنىڭ زىيىننى 2365 يۈەن، زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ ماشىنىسىنىڭ زىيىننى 200 يۈەن، زىيانلانغۇچى ۋxxنىڭ ماشىنىسىنىڭ زىيىننى 200 يۈەن، زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ ماشىنىسىنىڭ زىيىننى 1500 يۈەن دەپ باھالىغان بۇلۇپ، جەمئىي زىيان 8765 يۈەن بۇلۇپ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئىxx يۇقارقى زىيانلارنى تۆلەپ بەرگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ
مـەھكىمىمىز جاۋابكار ئىxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 275-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار ئىxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلىغان جىنايەت پاكىتىنى ۋە جىنايەت نامىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار ئxxنى مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلۋىتىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 275-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەسكەرتىش :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە . 1377944xxxx، 1356514xxxx
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغانلىق توغرىسىدىكى تىلخەت، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论