乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2021)XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئىXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، كاپالەتچىگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى XX شەھىرى XX كومىتىتى XX يولى XX-رايون XX-كوچا XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئىXXنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئىXX تاماكا سېتىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمەي تۇرۇپ موخۇركا تاماكا سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە 2019-يىلى XX-ئايدىن 2020-يىلى XX-ئايغىچە كۆپ قېتىم XX شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېزىز XX ۋە ئۈچ خەنزۇ ئەر كىشىدىن (سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس)جەمئى 3281 كىلوگىرام موخۇركا تاماكىنى 94800 يۈەنگە سېتىۋېلىپ XX شەھىرىنىڭ ھەرقايسى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا 1940 كىلوگىرام موخۇركا تاماكىنى پارچە ساتقان، 2019-يىلى XX-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا XX ناھىيە XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق تXXقا 108 كىلوگىرام موخۇركا تاماكىنىڭ ھەركىلوگىرامىنى 28 يۈەندىن 3000 يۈەنگە، 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى ۋە 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق مXXكە ئىككى قېتىمدا جەمئى 115 كىلوگىرام موخۇركا تاماكىنى ھەر كىلوگىرامىنى 45 يۈەندىن 5200 يۈەنگە، 2019-يىلى XX-ئايدىن 2020-يىلى XX-ئايغىچە XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېXXقا ھەركىلوگىرام موخۇركا تاماكىنى 45 يۈەندىن جەمئى 106 كىلوگىرام موخوركا تاماكىنى 4800 يۈەنگە، 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى XX ئوبلاستى XX ناھىيەسى XXيولى XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق شى XXغا 18 كىلوگىرام موخۇركا تاماكىنى ھەركىلوگىرامىنى 65 يۈەندىن 1120 يۈەنگە ساتقان. 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى XX شەھەرلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى جاۋابكار ئىXXنىڭ XX شەھىرى XX بازىرىدىكى ئىسكىلاتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئىXXنىڭ سېتىش ئۈچۈن ساقلىغان 994 كىلوگىرام موخۇركا تاماكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.
XXناھىيەلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسىنىڭ (2020) XX-نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە «ئىXXدىن تۇتۇپ قېلىنغان 989.6 كىلوگىرام موخۇركىنىڭ باھاسىنى 45154.4 يۈەن»دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئىXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئىXXنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تىجارەتنى قىلىپ، بازار تەرتىپىنى قالايىمقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلىچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 1 دانە پىلاستىنكا دېلوغا قۇشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论