欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(伊某某盗窃案自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 145–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار  ئى**، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501051996، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** يولى **-كوچا **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر.2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق قىلمىشى بىلەن 10كۈن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن 15كۈن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.بۇ قېتىم ئوغىرلىق قىلمىشى بىلەن  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 29-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئې**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 10-كۈنى قايتا  قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. دىلونى ئىككى  قېتىپ تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:40 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئى**، ** شەھىرى ** رايونى ** يولى ** كوچىسى **-نومۇر ** تاللا  دۇكىنى ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى جياڭ **نىڭ دېققەتسزلىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇكاندىكى پۇل تۆلەش سۇپىسىنىڭ يېنىدىكى سۈت يېشىكىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان 1200يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۈلرەڭ  Vivo x9i  تىپلىق يانفۇننى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن، ئوغۇرلانغان يانفۇننىڭ ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جياڭ **نىڭ نامىدا بىجىرىلگەن چىقىمدان (支付宝) ئەپ دېتالىدىن 11534.15يۇەن،ئۇندىدار  (微信) ئەپ دېتالىدىن 7155يۇەن،جېبېي (借呗) دىن 9990يۇەن ،خۇابېي(花呗) دىن 529.94يۇەن پۇلنى مەخبىي نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. جاۋابكار ئوغىرلىغان زاڭ مال ۋە زاڭ پۇلنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 30409.09يۇەن بولۇپ 1200يۇەن قىممىتىدىكى زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

  جاۋابكار ئې** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ** شەھىرى ** رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى ئىچىدىكى ** مېھمانخانىسىنىڭ 1-قەۋەت ياتاق تىزىملاش ئورنى ئالدىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار2-ئوتتۇرا ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئې**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئې**نىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، نەق مەيدان تونۇتۇش سۆرئەتلىرى؛

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئې**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل ۋەمېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                                        تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                                 تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان  

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 17–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

  2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى4 توپلام بىرگە يوللاندى؛

  3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

  4.جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top