博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕61号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك(2020) - نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئى**، ئەر، ئۇيغۇر، -1994يىلى -**ئاينىڭ -**كۈنى تۇغۇلغان، ساۋاتسىز، كىملىك نومۇرى.6527011994******** : ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر** ئائىلە قوروسى **-بىنا **- كورپۇس **- ئۆي، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى** ساقچىخانىسى. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 1 يىل كېچىكتۈرۈلگەن؛ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىلغان؛ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىلغان؛ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىلغان. جاۋابكار ئى** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى (2020) 37-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئى**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلار ئېنىقلاندى:
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 16 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئى** بورتالا شەھەر 4-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنھەركەت مەيدانىدىكى -1ۋاسكىتبول مەيدانىنىڭ ئارام ئېلىش ئورنىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چاپاندىن زىيانلانغۇچى سۇ**نىڭ 1400 يۈەن قىممىتىدىكىOPPO ماركىلىق يانفۇنىنى ئوغۇرلاپ، نەق مەيداندىن ئايرىلىغان. يانفۇن ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، يازما ئىسپات، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئى**نىڭ پۇقرالارنىڭ 1400يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىگە دەخلى–تەرۇز قىلغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 264-ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ئەيىپلەشكە پىكىر قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئابدۇزاھىر
2020-يىلى4-ئاينىڭ 17-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام ، تۆت دانە پىلاستىنكا بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论