欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(伊某某诈骗一案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش  〔2020〕 607- نومۇرلۇق 

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئىx،ئەر،ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ***********6531302000،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئۇقۇغۇچى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغىى:*** ناھىيسى**** يېزا ***** كەنىت **-گوروپپا *****-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان. 

ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2020-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىللىككە بىرىلگەن،2020-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕216-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ئىxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى6– ئاينىڭ 1-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

1. جاۋابكار ئىx 2019-يىلى11-ئاينىڭ29-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى ئاx قەرز بىجىرىش ئۈچۈن ئىxنىڭ ئۈندىدارنى قۇشۇپ قەرز بىجىرىش توغۇرسىدا پاراڭلاشقان ۋە ئىxغا ئۆزىنىڭ كىملىك نۇمۇرى،تېلفۇن نۇمۇرى،بانكا كارتا نۇمۇرى،بانكىدىن كەلگەن دەلىللەش ئۇچۇرىنى تەمىنلەپ بەرگەن،كېيىن ئىxئاxنىڭ ئامانەت قەرز كوپراتىۋىنىڭ كارتىسىدىن ئىككى قېتىمدا 250 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

2. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان، زىيانلانغۇچى مx ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇشقاندىن كېيىن،ئىx مxغا 5000 يۈەنلىك ئۆسۈمسىز قەرز بىجرىپ بېرىمەن،ئالدىن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،ئۈندىدار ئارقىلىق مxنىڭ 450 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋلغان ،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

3. جاۋابكار ئىx 2019-يىلى12-ئاي مەزگىلىدە ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،زىيانلانغۇچى غxنى ئۈندىدارغا قۇشۇپ ۋاكالەتەن قەرز بىجىرىپ بېرىمەن ، رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 280 يۈەن پۇل تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۈندىدار ئارقىلىق غېxنىڭ 280 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

4. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى ئابلىز رىشىت قەرزى بىجىرىش مەقسىتىدە ئىلھام نۇرنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىxئاxقا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن دەپ،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 700 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،ئاxتنىڭ 700 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .         

5. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى ئەxقەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان، ئىx ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 200 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،ئەxرنىڭ 200 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .  

6. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى2-ئاي مەزگىلدە ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى تx قەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان، ئىxئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 500 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،تxنىڭ 500 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

7. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ19-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى مx قەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىx ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 950 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،مxنىڭ 950 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

8. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى ئۆxقەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىx ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 200 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،ئۆxنىڭ 200 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

9. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ16-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى ئاx قەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىx ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 200 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،ئاxنىڭ 200 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

10. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ19-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى مx قەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىx ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 550يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،مxىنىڭ 550 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

11. جاۋابكار ئىx2020-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى ئاx قەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىx ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 100 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،ئاxنىڭ 100 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

12. جاۋابكار ئىx 2020-يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، چ چ توپىدا ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرغان،زىيانلانغۇچى يx قەرىز بىجىرىش مەقسىتىدە ئىxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان،ئىxئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن،رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 1000 يۈەن تاپشۇرسىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،يۈسۈپ ئەxنىڭ 1000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

يىغىنچاقلىغاندا،جاۋابكار ئىxر ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،باشقىلارغا قەرز بېجىرىپ بىرىمەن دەپ،12 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 5380 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بۇلۇپ،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى  قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار ئىxنىڭ يۇقارقى قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئىxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت 

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى

قوشۇمچە :       1) جاۋابكار ئىxر كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .

               2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top