欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(伊某某诈骗)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

    

            غ ن ت 2-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020] 126 -نومۇرلۇق

    جاۋابكار ئې** ، ئەر، ئۇيغۇر ، ** -يىلى** - ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپ مەلۇماتلىق ، مۇقىم كەسپى يوق ، كىملىك نومۇرى 654121********2779، نوپۇسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى غ ن ** يىزا** كەنىت** يولى*كوچا *-نۇمۇر.  ئىلگىرى جازالانمىغان.

2019-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خ خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىغان، 2019-يىلى10-ئاينىڭ2-كۈنى غ ن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئالماسلىق قارارى چىقىرىلىپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىللىككە بىرىلگەن. كىپىللىك مەزگىلىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن،2020-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىدسى تەرىپىدىن بىكىتىلگەن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنىپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئىلىنغان. ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك قاماقخانىدا. 

بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4 -ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى5-ئايلاردا جاۋابكار ئې** ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىلىك ئە** ئاكىسى ھ** غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارسىنىڭ تۇتۇپ كىتىپتۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئە** بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىدە ئىشلەيدىغان ئە* ئىسىملىك بىر ئاكىسىنىڭ بارلىقىنى ، شۇ ئاكىسىنىڭ ھ** تۈرمىدىن چىقرىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى  دىگەن . ئە** ئەگەر ئ** دىگەن بالىنىڭ ئاكىسى ھ** تۇرمىدىن چىقىرىپ بەرسە قانچە پۇل دىسە بىرىدىغانلىقىنى دېگەندىن كىيىن ، ئې** ئۆزىنىڭ 181*******دېگەن ئۈندىدارىنى ئە**، ھى**دوستى س**، ھ**قاتارلىقلارغا غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىدە ئىشلەيدىغان ئ** دىگەن ئاكامنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى دەپ  ئەۋەتىپ قوشقۇزۇپ، ئۇلار بىلەن ئۈندىداردا ئ**نىڭ نامىدا مەن  دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىدە ئىشلەيمەن، ئىسىم ئ**، مەن ھ**نى تۈرمىدىن چىقىرىپ بىرەلەيمەن - دەپ پاراڭلىشىپ 9000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ ئ** ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن ، كېيىن ئې**يەنە ئۆزىنىڭ 144******نۇمۇرلۇق ئۈندىدارنى ئ**، س** ، ھ** قاتارلىقلار ئە***ئاكام ماڭا دەپ بەرگەن غۇلجا شەھەرلىك  دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى دەپ ئەۋەتىپ قوشقۇزۇپ، ئۆزى ئۇلار بىلەن مەن  دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مەن ھ**نى تۈرمىدىن چىقىرىپ بىرەلەيمەن-دەپ پاراڭلىشىپ 3000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ، زىيانلانغۇچى ئ**نىڭ جەمىيى 12000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىپ ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن ،زىيان ئەينىگە كەلگەن. 

جاۋابكار ئې** 2019-يىلى12-ئاي مەزگىلىدە، مىنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدە تونۇشۇم بار، شوپۇرلۇق 2-، 3-تۈر ئىمتىھانىدىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ ن**نىڭ 2950يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان . ئىھ**يەنە 2019-يىلى 12-ئايدىن 2020-يىلى6-ئايغىچە بولغان ئارىلقتا، يۇقارقى ئۇسۇلداشوپۇرلۇق 2-، 3-تۈر ئىمتىھانىدىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ ن**نىڭ تونۇشلىرىدىن ت**نىڭ2600يۈەن، س**نىڭ1800يۈەن، گ**نىڭ 1200يۈەن، پ**نىڭ  1200يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋلغان 3200).يۈەن زىيان ئەينىگە قايىتتى(

جاۋابكار ئې** 2019-يىلى 5-ئايدىن 2019-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مىنىڭ شوپۇرلۇق مەكتەپتە تونۇشۇم بار، شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ پىراۋا ئالغىلى بولىدۇ دەپ جاڭ **نى ئالداپ، جاڭ ** بىلەن يولدىشى شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇماي تۇرۇپ، پىراۋا ئىلىپ بىرىمەن دەپ تىزىملىتىش ھەققى، پىراۋا ھەر بىر تۈرنىڭ ئىمتىھانىنىڭ ھەققى دىگەن سەۋەپلەر بىلەن ئۈندىداردا جاڭ ** ئالداپ 12150يۈەن پۇلنى ئالغان.  

جاۋابكار ئى** 2019-يىلى 8-ئايدىن 2020-يىلى 4-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا مىنىڭ شوپۇرلۇق مەزگىلىدە تونۇشۇم بار، شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ پىراۋا ئالغىلى بولىدۇ دەپ ت**تىن ئۈندىدار ھەم نەق پۇل شەكلىدە 6000يۈەن پۇل نى ئالداپ ئالغان. 

جاۋابكار ئى**2019- يىلى10- ئايدىن 2020- يىلى4- ئايغىچە بولغان ئارىلقتا مىنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدە تونوشۇم بار، شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ پىراۋا ئالغىلى بولىدۇ دەپ، م**نىڭ 4250 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 

جاۋابكار ئى** 2020-يىلى 1-ئايدا مەن سىنى شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئىتىبار باھادا تىزىمغا ئالدۇرۇپ بىرىمەن دەپ، د**نى ئالداپ، د**دىن ئۈندىداردا 1350يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. 

جاۋابكار ئى**2020-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە مىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تونۇشۇم بار، مەن ماشىناڭنى ئۆزەڭنىڭ نامىغا يۆتكەپ، ماشىناڭنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇپ، يىللىق تەكشۈرتۈش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ، ماشىناڭنى سىرلىتىپ بىرىمەن دىگەن سەۋەپلەر بىلەن م**تىن ئۈندىداردا 6800يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان.

جاۋابكار ئې** 2020-يىلى 7-ئايدا ساڭا ئەرزان باھادا ئىككىنجى قول ئاق رەڭلىك خوندا سىئارۋى ماشىنا ئىلىپ بىرىمەن دەپ ز**نى ئالداپ، ز**دىن ئۈندىداردا 5000يۈەن ئالداپ ئىلىۋالغان. 

جاۋابكار ئې** 2020-يىلى 6-ئايدا ت**نى ئالداپ، مىنىڭ ماشىنىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان تونۇشۇم بار، پائالىيەت باھاسىدا سىنى پىراۋا ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويىمەن، دەپ ت**دىن ئۈندىداردا 1050يۈەننى ئالداپ ئىلىۋالغان . 

جاۋابكار ئى**2020-يىلى4--ئاي مەزگىلىدە، ئە**نى ئالداپ مىنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدە تونۇشۇم بار، سىنى پىراۋا2-،3-تۈر ئىمتىھانلىردىن ئۆتكۈزۈپ قويالايمەن دەپ ، ئە**دىن ئۈندىداردا 150يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىۋالغان 

يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.يازما ئىسپات؛

2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى؛

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:

جاۋابكار ئى** يالغان سالاھىيەت بىلەن پىراۋا ئىمتىھانىدنن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن، ئەرزان باھادا شوپۇرلۇق مەكتەپكە تىزىملىتىپ قويىمەن، ماشىنا رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بىرىمەن ، تۇرمىدىكى يىقىنلىرىڭلارنى چىقىرىپ بېرىمەن دىگەندەك ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باشقىلارنى ئالداپ، 16 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ جەمئىي 58500يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (بۇنىڭ ئىچىدە 15200يۈەنن زىيان ئەينىگە قايىتقان) ، جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى «نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق. جاۋاپكار كۆپ قىتىم دىلۇ سادىر قىلغان، ئالداپ ئالغان پۇلنىڭ مىقتارى كۆپرەك. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋاپكار ئې** دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ ، شۇڭا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى « نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە يىنىك جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                  تەپتىش:  ماھىرە رەخمەتجان 

                            ياردەمچى تەپتىش:  گۈلزىرە ئادىل 

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ23-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋاپكار  قولغا ئىلىنغان، ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

1.​ 2توپلام ج خ دېلوسى،8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، ،قاماش رەسمىيىىتى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىقلار  بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top