شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 461-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئى XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : 6529271989XXXXXXXX ،يۇرتى: ئۇچتۇرپان ناھىيسى، كىپىلىككە بىرىلشىتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئاھالىلار كومىتىتى XX گۇرۇپ XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ناۋاي، ئىلگىرى جازالانمىغان -2020يىل -3ئاينىڭ -24 كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى (2020) 361-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئى XX ئۆزى يالغۇز- 2019يىلى -12ئاينىڭ- 21كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى ئا XX نىڭ ئاقسۇ شەھەر XX ئاھالىلەر كومتىتى XX گۇرۇپتىكى ئا XX نانلىرى ناۋايخانىسىنىڭ ئىچىدىكى نەرسە كېرەك ئاسىدىغان ئاسقۇغا ئېسىپ قويۇلغان، كۆك رەڭلىك سومكا ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان يېزا ئامانەت قەرىز كوپراتىۋىنىڭ 62128721xxxxxxxx نومۇرلۇق بانكا كارتىسىنى ناۋايخانىدا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇرلاپ چىقىپ كېتىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان جەرياندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بانكا كارتىسى ئىچىدىكى 15 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىلىرىدىن چىقىرىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئى XX نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئى XX نىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئى XX نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئى XX ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : XXXX1377978
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论