欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某、阿某某盗窃案)

2021-09-21 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش[2020] 81-نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋاپكار ئى**، ئەر، ****-يىلى **-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1836********653125 ئۇيغۇر، ئامما، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىشسىز، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت *-گۇرۇپپا، بۇرۇن جازالانمىغان.

 جاۋاپكار ئى** ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتپ قويۇلغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن مەجبورلاش تەدبىرىنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىشكە ئۆزگەرتكەن.

    جاۋاپكار ئا**، ئەر، ****-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1214********653221 ئۇيغۇر، ئامما، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىشسىز، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت ***-نۇمۇر، بۇرۇن جازالانمىغان.

 جاۋاپكار ئا** ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتپ قويۇلغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن مەجبورلاش تەدبىرىنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىشكە ئۆزگەرتكەن.

توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئى**، ئا**لارنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6–ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دىلو ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتۇق، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار:

1. 2019-يىلى 5-ئايلارنىڭ بىر كۈنى، جاۋاپكار ئى**توقسۇن ناھىيە شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىلدە، توقسۇن ناھىيە سانائەت رايۇنى لوتو ئاككۇمۇلياتور شىركىتىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئىشلەۋېتىپ زىيانلانغۇچى جا**نىڭ شۇيەرگە قويۇپ قويغان يول تۇزلەش ماشىنىسىنىڭ تۈمۈر زاپچاسلىرىنى كۆرگەن. 2019-يىلى 6-ئايلارنىڭ بىر كۈنى جاۋاپكار ئى** ئۆزى كۆرۈپ قويغان تۈمۈر زاپچاسلارنى ئوغرىلاپ سېتىش مەقستىدە جاۋاپكار ئا** بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆزلىرى ئىش ئۈستىدە ئىشلىتىدىغان ئۈچ چاقلىق تازلىق ئىشچىسىنىڭ توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ زىيانلانغۇچى جا**نىڭ يول تۇزلەش ماشىنىسنىڭ زاپچاسلىرىنى قويۇپ قويغان يەرگە بېرىپ يول تۇزلەش ماشىنسىنىڭ 29115 يۈەن قىممىتىدىكى زاپچاسلىرىنى ئوغۇرلاپ توكسىكىلىتقا سېلىپ توقسۇن ناھىيە «گ**» كىرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ 630 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى بۈلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ ماللار يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى.

2. 2019-يىل 6-ئايلارنىڭ بىر كۈنى(يۇقارقى پاكىتتا دىيىلگەن ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سادىر قىلىپ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن)،جاۋاپكار ئى** ئۆزى ئالدىن كۆرۈپ قويغان تۈمۈر زاپچاسلارنى ئوغرىلاپ سېتىش مەقستىدە جاۋاپكار ئا** بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆزلىرى ئىش ئۈستىدە ئىشلىتىدىغان ئۈچ چاقلىق تازلىق ئىشچىسىنىڭ توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ زىيانلانغۇچى جا**نىڭ يول تۇزلەش ماشىنىسنىڭ ئەسۋاپلىرىنى قويۇپ قويغان يەرگە بېرىپ يول تۇزلەش ماشىنسىنىڭ 29841 يۈەن قىممىتىدىكى ئەسۋاپلىرىنى ئوغۇرلاپ توكسىكىلىتقا سېلىپ توقسۇن ناھىيە «گ**» كىرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ 534 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى بۈلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ ماللار يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى.

     جاۋاپكار ئى** بىلەن ئا** ئىككى قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان 58956 يۈەن، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.

    يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى،دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، توقسۇن ناھىيە مال-باھا ئىدارىسىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرە-سۆرئەتلىرى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرە-سۆرئەتلىرى، تۇتۇپ قېلىنغان-قايتۇرۇلغان نەرسىلەر تىزىملىكى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك يول تۈزلەش ماشىنىسى ئەسۋاپلىرى قاتارلىقلار بار .

     يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئى**، ئاب**لارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئى**، ئا**لارنىڭ يوقارقى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-، 25-ماددىلىرىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ئى**، ئا**لارنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكارلار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكار ئى**، ئا**غا ئايرىم-ئايرىم 3 يىللىقتىن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.  

شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: رەيھانگۈل كېرەم

             2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

قۇشۇمچە:

1.جاۋاپكار ئى**، ئا**لار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام  بىرگە يوللاندى.

3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 2 نۇسخا بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top