欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某交通肇事案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                               ك ت جىنايى ئىشلار 1- بۈلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2019)117 -نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار يx،ئەر، ئۇيغۇر،1970–يىلى**–ئاينىڭ **-كۈنى،كىملىك نومۇرى: ********6529231970،باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى:كۇچا ناھىيە *** بازىرى*** كەنىت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان.

قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى10-ئاينىڭ05-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ  ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلۈپ، شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.     

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 93-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ي xنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار يx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 05-كۈنى 21:10 مىنۇت ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ新N**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى مەسىت ھالەتتە،كۇچا ناھىيە****بازىرى **** كەنىت قارىماي يۇلىدا **** قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كەلگەندە،شۇ يولدا ئوخشاش يۆلىنىشتە پىيادە مىڭىۋاتقان تxنى سۇقىۋېتىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن،نەتىجىدە تx قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈش،بىر قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.

كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى (2019)186-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش پىكرىدە :تx قاتناش ۋەقەسى بىلەن باش قىسمى يېپىق خارەكتىرلىك زەخملىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان .

كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ 〔2019〕226-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا: يx يۇقارقى ھادىسىدىكى تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ،تx ھادىسىدىكى مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ- تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك،جاۋابكار يxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار يxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 3-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بويىچە, جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت

                        2020- يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار يxئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى . 

3. قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ ھەق-تەلەپ ئەرزى بىرگە يوللاندى .      

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top