欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

 كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 821–نۇمۇرلۇق  

جاۋاپكار ئېxxx، ئەر، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك  نومۇرى: 6528011977xxxxxxxxx ،ئويغۇر، سىياسى قىياپىتى: پارتىيە ئەزاسى ،  ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، نۇپوسى تۇرۇشلوق  ئادرېسى: شىنجاڭ xx xx يولى xxx-ئولتۇراق رايۇن xx-بىنا x-كورپوسxxxx-نۇمۇر. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئادرېسى: شىنجاڭ xxxxxx xxxxئولتۇراق رايۇن xx-بىنا x-كورپوسxxxx-نۇمۇر ، بۇرۇن جازالانمىغان ،xxxx-يىلىxx-ئاينىڭ xx-كۈنى xxx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلكە بېرىلگەن. ھازىر كىپىلدە.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئېxxxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، -xxxxيىلى -x ئاينىڭ -xxكۈنى مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،  بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دىلو پاكىتىنى تۈۋەندىكىچە ئىنىقلىدۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار ئېxxxx xxxx-يىلىxx-ئاينىڭ xx-كۈنى سائەت xx دىن 47 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新xxxxxنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ،xxxشەھەر xxxxيولى xxx-نۇمۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ئالدى يول بۆلىگىگە كەلگەندە،ساقچى پونكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

  شىنجاڭ xxxقاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورىننىڭ  ( 2019)7389-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا : جاۋاپكارنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 245.67مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىققان.

   جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، باھالاشنامە  قاتارلىق دەلىل -ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئېxxxxx قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

            كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە   :       

                                      تەپتىش : خاسىيەت ئابدۇكېرەم

                                       2020-يىلى 9-ئاينىڭ   29-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top