欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某危险驾驶案)(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-19 独角龙 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                        توقسۇن تەپتىش ج ئى ئە چىقىش ( 2019 ) 119– نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋاپكار ئى**، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 2514********652123، باشلانغۇچ مەكتەپ  مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:** ناھىيە ** بازىرى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر. كەسپى:دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان.

2019-يىلى 07-ئاينىڭ 06-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى جاۋاپكار ئى**نىڭ يۇقۇملۇق كېسىلى بار بولغاچقا توقسۇن ناھىيلىك قاماقخانا  قۇبۇل قىلمىغان،2019-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى جاۋاپكار ئى** كېسەللىك سەۋەبىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن .

توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئى**نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ -3كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق . 

 مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :

2019يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:00 دە جاۋاپكار ئى** مەست ھالدا پىراۋسىز*****新A نۇمۇرلۇق(ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى) كىچىك تىپتىكى ماشىننى شەرقتىن غەرپ يۆنىلىشىگە ھەيدەپ مېڭىپ، ** ناھىيە ** بازىرى -6دادۈي 3 -ئەترەت يول بۇلكىگە كەلگەندە)** ئارامگاھى ئالدىدا پىيادە يول يۈرگۈچى م**نى سوقۇپ قۇيۇپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ھەمدە شۇ ماشىننى ھەيدەپ 02:00 دە توقسۇن ناھىيە شاھ بازىرى ساقچىخانسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە پىيادە يۈرگۈچى م** ئېغىر يارلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، ماشىنا بۇزۇلۇپ، ئادەم ئۈلۈش نەق مەيداندىن قېچىش قاتناش ھادىسسىنى شەكىللەندۈرگەن. قاتناش ساقچىلىرى جاۋاپكار ئى**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ پۆلىتىپ ئۆلچەش ئەسۋابىدا پۆلىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ ھاراق ئىچكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن جاۋاپكارنى دەرھال توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى قالدۇرغان، ھەم ئەدىليىلىك باھالىتىشقا ئەۋەتكەن.

  شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)5518-نۇمۇرلۇق ئالكوگىل مىقدارىنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسىدە جاۋاپكار ئى**نىڭ ھەر 100 مىللىيلىتىر قېنى تەركىبىدە 162 مىللىيگىرام ئالكوگېل مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار :

دېلو مەلۇم قىلىش جەدىۋىلى، نوپوس ئىسپاتلىقى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان سۈرئەتلىرى،نەق مەيدان خەرىتىسى،نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)5518، 5406-نۇمۇرلۇق ئالكوگىل مىقتارىنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى، شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 1800-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى، توقسۇن ناھىيلىك ج خ ئىدارسى قاتناش ساقچى ئەتىرتىنىڭ (2019)125-نومۇرلۇق ھادىسە مەسئۇلىيەت ئېتراپنامىسى قاتارلىقلار تۇلۇق.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار ئى** قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق. جاۋابكار ئى**نى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددا 2-تارمىقى ،67-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -176ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

                      تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن

   - 2019يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنى  

قوشۇمچە.1 :جاۋاپكار ئى** ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

.2دېلوج خ توپلىمى1توپلام،تەپتىش توپلىمى1توپلام بىرگە يوللاندى .

 .3ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ھەق-تەلەپ ئەرزى بار،جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ئەرزى 5 نۇسخا تەمىنلەندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top