欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某危险驾驶案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

                                               ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 7121- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار يX، ئەر، ئويغۇر، 1990-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292319 ********  ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى:شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنت**- گوروپپا**- نومۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى8- ئاينىڭ22-كۇنى كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دىلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ، شۇ كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە(تۇغقىنى رامان نۇرغا) كاپالەتچىلگە بېرىلگەن.   

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2019) 679-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار يXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2019- يىلى 10- ئاينىڭ22- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە  سوراق قىلدۇق، دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋاپكار يX2019-يىلى08-ئاينىڭ11-كۇنى سائەت22:00 لەر ئەتراپىدا كۇچا ناھىيە ** يېزىسى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىيپاش ئۇدۇلدىكى كەچلىك كۇلۇپتا ئاغىنلىرى ئاX، ئاX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت23:00 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار يX سورۇندىن چىقىپ كۇچا ناھىيە ** يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىيپاش ئۇدۇلدىكى كەچلىك كۇلۇبنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھالەتتە ھەيدەپ كۇچا ناھىيە ** يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى بايقالغان، شىنجاڭ قاتناش پەن- تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، يXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg127 دەپ باھالاپ بېكىتكەن .

دىمەك، جاۋابكار يXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ–تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار يXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133- ماددا1- تارماق 2- تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ، جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ‹‹ جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى››نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. 

جاۋاپكار يXگە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىش تەكلىۋى بىرىمىز. 

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: قاھار ئابدۇراخمان 

                        2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار يX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى .       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top