欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某等2人滥伐林木案)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                  ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 172- نومۇرلۇق

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ھ **، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:19********** 652926، * ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، دەل-دەرەخنى كەلسە كەلمەس كېسىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپلىگە بېرىلگەن.

جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292619********** ، ب*ناھىيە** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، دەل-دەرەخنى كەلسە كەلمەس كېسىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپلىگە بېرىلگەن.

 باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) **-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارلاردىن سوئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ئاڭلاپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ھ** 2020-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى باي ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپتىكى ئا**نىڭ باي ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپقا جايلاشقان«**» دىگەن جايدىكى 29 تۈپ قارا تېرىكىنى 2500.00 يۈەنگە سېتۋالغاندىن كىيىن، جاۋابكار ئا**نى ئىزدەپ يۇقارقى ئورماننى شىرىكلىشىپ كېسىدىغانغا دىيىشىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15- كۈنى جاۋابكار ھ** بىلەن جاۋابكار ئا** ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ دەل-دەرەخ كېسىش رەسمىيىتىنى بىجىرمەي تۇرۇپ يۇقارقى 29 تۈپ قارا تىرەكتىن 24 تۈپ قارا تىرەكنى كەلسە كەلمەس كەسكەن ھەم باي ناھىيە ** يېزا تەۋەلىكىدىكى ياغاچ زاۋۇتىغا ئاپىرىپ 3000.00 سېتۋەتكەن.

باي ناھىيەلىك ئورمان بايلىقىنى مەمۇرى باشقۇرۇش پونكىتى (2020) **- نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە« ھ** بىلەن ئا** بىرلىشىپ قانۇنسىز كەسكەن دەل دەرەخنىڭ تۈرى: ئېتىز ئېرىق ئىئاتە ئورمىنى، دەرەخ تۈرى: قارا تىرەك، كەسكەن دەرەخنىڭ ھەجىمى: 14.0022 كۇپ مىتىر» دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ھ**، جاۋابكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن دەل-دەرەخنى كەلسە كەلمەس كېسىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بىكتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 345-ماددا  2- تارماق، 25- ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

  تەپتىش: ئىسراپىل ئىسكەندەر

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

پۈتۈكچى: تۇرسۇنگۈل مەمەت

ئىزاھات:

1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 14 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش     تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش قارارنامىسى، ئۈچ دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكارلار ھازىر ئائىلىسىدە. تىلفۇن نۇمىرى: 139*******؛ 135*******

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top