欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某贩卖毒品案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                 ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2020] يىللىق **-نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئى**، ئەر، **–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6529271996، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ **، ** گۈللىگى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى ** قورۇسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر. بۇ قېتىم 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى خادىملىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىز «زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئى** نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.

  مەزكۇر دېلو 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 1-قېتىم دېلو ئىشلەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 1-قېتىم تەھىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھىقلىشىگە قايتۇرۇلدى.

  قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار ئى** 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 20–كۈنى سائەت 15:00 لەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر ** رايونى ** كوچىسى ** ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا، ئۈندىداردا پۇل ئېلىش ئۇسۇلىدا باشقىلارغا ئىككى بولاق 0.88 گرام ئېغىرلىقتىكى زەھەرلىك بويۇم ناتاشانى 300 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]**-نومۇرلۇق دوكلاتىدا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئالغان ماددىنىڭ تەركىبىدە مېتىل بۇترات تەركىبى بارلىقىنى  تەكشۈرۈپ چىققان .  

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

    (1) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، بارماق ئۇچۇرى، تۇتۇپ قىلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تالونى، قايتۇرۇپ بىرىش تىزىملىكى، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى؛

 (2) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇمنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش مەركىزىنىڭ [2020] **-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكلاتى ۋە باھالاشنامىنى ئۇقتۇرۇشنامىسى؛

 (3) ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى: زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى، زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى، ئاختۇرۇش خاتىرىسى، تونۇتۇش خاتىرىسى، مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ؛

(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛

 (5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛

(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىلەر؛

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئى** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ-سېتىش چەكلەنگەن زەھەرلىك بويۇمنى ئېلىپ–ساتقان قانۇنسىز قىلمىشىدىن «زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ–سېتىش» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

                           

 ھۆرمەت بىلەن:

                        تەپتىش: خۇرشىدە ئۆمەر

                   تەپتىش ياردەمچىسى: سەيپىدىن ئابدۇرېھىم 

                   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا، ئالاقىلشىش تېلفون نۇمۇرى: **؛

(2) تەھقىقلەش دېلوسى 3 توپلام، 6 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top